تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى بىلەن بىرگە رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.
رەھبەرلەر شەنبە كۈنىدىكى سۆھبەتتە ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلەرنى باھالاپ چىققان. باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئەردوغان «بولۇپمۇ مۇداپىئە سانائىتى قاتارلىق» ھەر قايسى ساھەلەردە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىككى دۆلەت ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەردوغان ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملار بىلەن باشلانغان مۇساپىنىڭ يەر شارى ۋەزىيىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتتى. تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر قوللىغان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا ئېرىشىشتە «مۇھىم رول» ئوينىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئۇرۇش توختىتىشنىڭ قوغدىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، بولۇپمۇ لىۋانغا قارىتىلغان ھۇجۇملار دائىرىسىدە «ئۇرۇش توختىتىش مۇساپىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان» ئۇرۇنۇشلارغا يول قويماسلىق كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.
ئەردوغان ئەنقەرەنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشقا قارىتىلغان تىرىشچانلىقلارغا تۆھپە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتتى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە غەززە تىنچلىق پىلانىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنى باشلاشنىڭ مۇھىملىقىغا دىققەت تارتىپ، قولغا كەلتۈرۈلگەن پۇرسەتنىڭ «قولدىن بېرىپ قويۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى» بىلدۈردى.
رەھبەرلەر يەنە ھورمۇز بوغۇزىدىكى پاراخوت قاتنىشى ئەركىنلىكىنىڭ «خەلقئارا قانۇن ئاساسىدا» كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، سۇرىيەدىكى تەرەققىياتلار، كاۋكازىيەدىكى تىنچلىقنى قوللاش ۋە ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئۈچۈن مۇزاكىرەلەرنى قايتا جانلاندۇرۇش يۆنىلىشىدىكى تىرىشچانلىقلارنىمۇ مۇزاكىرە قىلدى.













