جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى ھۇجۇم نىشانى قىلغان باياناتلىرى سەۋەبىدىن تۈركىيە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنى تەنقىد قىلىپ: «ئۇنىڭ ھېچكىمگە دەرس بەرگۈدەك نە ئەخلاقىي قىممىتى، نە قانۇنىي سالاھىيىتى يوق» دېدى.
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران شەنبە كۈنى X ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا: «غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشقۇرۇۋاتقان ۋە رايوندىكى يەتتە دۆلەتكە ھۇجۇم قىلغان نېتانياھۇ، ئامالسىزلىق ئىچىدە پىرېزىدېنتىمىزنى نىشان قىلىشقا جۇرئەت قىلىۋاتىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
بۇرھانەتتىن دۇران نېتانياھۇنىڭ «ئۈستىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ۋە ئەمدى دوستى قالمىغان بىر جىنايەتچى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ ھاكىمىيەتتە قېلىش بەدىلىگە رايوننى مۇقىمسىزلىق ۋە توقۇنۇشقا ئىتتىرىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
بۇرھانەتتىن دۇران: «ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلغان جىنايەتلىرى ئۈچۈن بالدۇر ياكى كېيىن چوقۇم ھېساب بېرىدۇ» دېدى.
ئەنقەرەنىڭ «تېخىمۇ ئادىل، تىنچ ۋە بىخەتەر بىر دۇنيا ئۈچۈن زالىملارغا قارشى كۈرەش قىلىش» تىكى قەتئىي ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ نېتانياھۇغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ تۈركىيە پىرېزىدېنتىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشىنىڭ ئەسلىدە ھەر قانداق مۇنبەردە تۈركىيە ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان ھەقىقەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بىئاراملىقتىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مىنىستىرلىق، سادىر قىلغان جىنايەتلىرى ۋە رايونلۇق تاجاۋۇزچىلىق تارىخى سەۋەبىدىن نېتانياھۇنى «بۇ دەۋرنىڭ ھىتلېرى» دەپ ئاتىدى.

باياناتتا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى (UCM) تەرىپىدىن چىقىرىلغان تۇتۇش بۇيرۇقى تەرەپكىمۇ دىققەتلەرنى تارتىلىپ، نېتانياھۇنىڭ داۋاملىشىۋاتقان تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە توسالغۇ بولۇش ۋە كېڭەيمىچىلىك سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىغا قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.
مىنىستىرلىق يەنە بىگۇناھ پۇقرالارنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، نېتانياھۇنىڭ سادىر قىلغان جىنايەتلىرى ئۈچۈن ھېساب بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە تۈركىيەنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى.
ئىسرائىلىيە 2023-يىلى ئۆكتەبىردە غەززەگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشلىغان ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان 72 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى، تەخمىنەن 172 مىڭ كىشىنى يارىلاندۈردى ۋە رايوندىكى ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ تەخمىنەن %90 نى ۋەيران قىلدى.
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 2024-يىلى غەززەدە سادىر قىلىنغان ئۇرۇش جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن نېتانياھۇ ۋە سابىق مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گاللانتقا قارىتا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.












