لوس ئانژېلېس ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەيشەنبە ئاخشىمى لوس ئانژېلېسنىڭ چاتسۋورت (Chatsworth) مەھەللىسىدە بىر تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، كۆيۈشكە باشلىغان. ۋەقەدە ئۈچ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، بىر كىشى بولسا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان.
مەزكۇر ئىدارە ئېلان قىلغان باياناتتا: «تۆت كىشىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلدى. ئۈچ كىشىنىڭ نەق مەيداندا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بېكىتىلدى. ئەھۋالى ئېنىق بولمىغان يەنە بىر كىشى بولسا يەرلىك بىر دوختۇرخانىغا يۆتكەلدى» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە، ۋەقەگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشنى دۆلەتلىك قاتناش بىخەتەرلىكى ئورگىنى بىلەن فېدېراتسىيە ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇلدى.
يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ بۇرۇن بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، NBC Los Angeles ۋە KNBC-TV گە تەۋە تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتكەن ۋاقىتتا، كەم دېگەندە ئىككى كىشى قازا قىلغان چوڭ بىر ئاپتوبۇس ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، رايوننىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى سۈرەتكە تارتىۋاتاتتى.
لوس ئانژېلېس ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى براندېن سىلۋېرمان مۇخبىرلارغا، بۇنىڭ بىر خەۋەر ئۇچىرى بولۇشى توغرىسىدا مۆلچەردە بولۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى، «چۈنكى بۇنى تېخى جەزملەشتۈرمىگەنلىكىنى» ئېيتتى.
لوس ئانژېلېس ساقچى ئىدارىسى بولسا تىك ئۇچارنىڭ ئۆزلىرىگە تەۋە ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈردى.

















