تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان سۈرىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولماقتا.
مىنىستىر فىدان سۈرىيەلىك مەنسەپدىشى ئەسەد ھەسەن شەيبانى بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تۆۋەندىكىدەك باياناتلارنى بەردى:
«سۈرىيە-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى يېقىنقى 2 يىلدا زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى. سۈرىيە پەقەت تۈركىيە بىلەنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ يېڭى بىر باشلىنىش قىلىشقا مەجبۇر بولدى. كونا سۈرىيەنىڭ كېتىپ، يېڭى سۈرىيەنىڭ كېلىشى رايونغا مۇقىملىق ۋە تىنچلىق ئېلىپ كەلگەن بىر ئامىل بولدى. سۈرىيە دۆلىتى، ھۆكۈمىتى رايون دۆلەتلىرى بىلەن ھەر ساھەدە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىدە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. سۈرىيەنىڭ كۈندىن-كۈنگە يارىلىرىنى تېخىمۇ تېز ساقايتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. رايونىمىزدىكى بارلىق ئۇرۇشلار خۇددى سۈرىيەدىكىگە ئوخشاش بىر-بىرلەپ ئاخىرلىشىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ يېقىن كەلگۈسىدە سۈرىيەگە بىر قېتىملىق زىيارەت پىلانلانماقتا. بۇ نۇقتىدىنمۇ زىيارىتىمىز مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. SDG نىڭ (سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرىنىڭ) ئۆزىنى تارقىتىۋېتىش توغرىسىدىكى خىتابنامىسىنى مۇھىم ۋە قىممەتلىك دەپ قارايمىز. بۇ مەيداندا ۋاقىت ئۆتكۈزۈلمەستىن ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇلۇشى كېرەك»





















