شىمالىي كورېيە توپچىلار سىستېمىسى ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئىشلىتىلگەن ھەقىقىي ئوق-دورا ئېتىش مانېۋىرى ئۆتكۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى.
كورېيە مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ (KCNA) خەۋىرىگە قارىغاندا، پيوڭياڭ ھۆكۈمىتى 12-سېنتەبىر كۈنى بىر گەۋدىلەشكەن قورال تىزگىنلەش سىستېمىسىنىڭ مەشغۇلاتىنى سىنايدىغان بىر قېتىملىق مانېۋىر تەشكىللىگەن. ھەقىقىي ئوق-دورا ئىشلىتىلگەن مەزكۇر مانېۋىرنى كۆزەتكەن مارشال پاك جوڭ چون (Pak Jong Chon)، ئىشلىتىلگەن قورال سىستېمىلىرىنىڭ «غايەت زور ۋەيران قىلىش كۈچى» نى نامايەن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
پاك جوڭ چون سۆزىدە، بۇ مانېۋىرنىڭ «دۈشمەننىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى تەشكىلىي ۋە قۇرۇلمىلىق جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىدىكى كەسپىي سەۋىيەنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى» تەكىتلىدى. شىمالىي كورېيەنىڭ مەزكۇر مانېۋىرى ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە ئۆزلىرىنىڭ «Freedom Edge» ناملىق ئورتاق ھەربىي مانېۋىرىنى تاماملاپ بىر كۈندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلدى.
ئوخشىمىغان تۈردىكى قوراللار بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىلگەن بۇ مانېۋىرنىڭ، جەنۇبىي كورېيە ۋە ئامېرىكىانىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى بېسىپ ئۆتۈش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
جەنۇبىي كورېيە باش ئىشتاب باشقارمىسى 12-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ شەرق دېڭىزى يۆنىلىشىگە بىر يۈرۈش قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى، بومبىلارنىڭ دېڭىزغا چۈشۈشتىن بۇرۇن تەخمىنەن 250 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.






















