بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس، ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەدىكى دەپسەندىچىلىكلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئىسرائىلىيە سۈرىيەنى ئۆز ھالىغا قويۇپ بېرىشى كېرەك» دېدى.
گۇتېررېس، سۈرىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسى «ئەل-ئىخبارىيە» گە بەرگەن باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە زېمىنىدىكى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە توختالدى.
گۇتېررېس: «ئىسرائىلىيە سۈرىيەنى ئۆز ھالىغا قويۇپ بېرىشى كېرەك. ئىسرائىلىيەنىڭ دەپسەندىچىلىكلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى ھەمدە سۈرىيەنىڭ ئۆز كېلەچىكىنى ئۆزى بەلگىلىشىگە يول قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
گۇتېررېس، سۈرىيەگە قارىتىلغان بىر قىسىم ئېمبارگولارنىڭ ھەقەتەن يەنىلا كۈچكە ئىگە بولۇپ تورۇۋاتقانلىقى تەرەپكە ئىشارەت قىلىپ، بۇلارنىڭ بىكار قىلىنىشى ۋە سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە ئېنىق ئەمەلىي ماددىي ياردەم ئاجرىتىپ، مالىيە ياردىمى بېرىلىشى كېرەكلىكىنىمۇ تەكىتلىدى.
خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈرىيەنى قوللاش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن باش كاتىپ: «سۈرىيە، رايونلۇق مۇقىملىق ۋە تىنچلىقنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى» دېدى.
ب د ت باش كاتىپى، ئىنتايىن كۆپ ساندىكى كىشى قىين قىستاققا ئۇچرىغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن سەدنايا تۈرمىسىنى زىيارەت قىلغاندا چوڭقۇر تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يوقالغان كىشىلەرنىڭ ئامان-ئېسەن ھاياتمۇ ياكى ئۆلۈكمۇ بىلىنمەسلىكىنىڭ ئۆزىگە ئەڭ كۆپ تەسىر قىلغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
كۆچۈرۈلگەنلەرنىڭ قايتىپ كېلىشى
سۈرىيەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى ئۈستىدىمۇ توختالغان گۇتېررېس، ئۆز ئۆيلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىنتايىن كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز يۇرتلىرىغا قايتقانلىقىنى بىلدۈردى.
گۇتېررېس، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ئالاھىدە ياردەم بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھايات قالغۇچىلارغىمۇ زۆرۈر بولغان ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلۈشى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىقتا بولدى.
دۆلەت ئىچىدە ئۆز ئۆيلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشىلەر سانىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئازىيىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن گۇتېررېس، سۈرىيەنىڭ قايتىدىن مۇقىملىققا ئېرىشىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن خەلقئارالىق قوللاشنىڭ ئەھمىيىتى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتتى.
گۇتېررېس يەنە، ئاغدۇرۇپ تاشلانغان ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيەلىكلەرگە قارىتا يۈرگۈزگەن زۇلۇملىرى سەۋەبىدىن 15 يىل بويىچە سۈرىيەنى زىيارەت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ زىيارەتنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئالاھىدە بىر مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.



















