سلوۋاكىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى (TASR) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، روبېرت فىتسو پرېشوۋ شەھىرىدە يېڭى ئوقۇش يىلىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭ مۇساپىسى ۋە ياۋروپانىڭ خەۋپسىزلىكى توغرىسىدا توختالغاندا: «مېنى ئەڭ قورقۇتقىنى، ياۋروپادىكى ھەربىي باياناتلارنىڭ نەقەدەر كۆپىيىپ كەتكەنلىكىدۇر» دېگەن.
فىتسو شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىر ئەزاسىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمنىڭ بارلىق ئەزالارغا قىلىنغانلىق ھېسابلىنىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتىدىغان 5-ماددىسىغا ئىشارەت قىلىپ، سلوۋاكىيەنىڭ ھەرقانداق بىر ئۇرۇشقا قاتنىشىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن: «شۇنداق، بىز ناتونىڭ بىر قىسمى، بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىمىز ھەمدە ھەمكارلىققا، مەجبۇرىيەتلىرىمىزنى ئادا قىلىشقا سادىقمىز. ئەمما باش مىنىستىر سۈپىتىدە، سلوۋاكىيەنىڭ ھەرگىز بىر قوراللىق توقۇنۇشقا سۆرەپ كىرىلمەسلىكى ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلىمەن.»
ئۇكرائىنادىكى ھەربىي توقۇنۇشنىڭ كونتروللۇقتىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن روبېرت فىتسو، بارلىق ھەربىي قائىدىلەرنىڭ تاشلىنىپ، پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ نىشان قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2028-2034-يىللىق خامچوتىنى تەنقىد قىلىپ، بۇ خامچوتنىڭ ئاساسلىق مەنپەئەتدارلىرىنىڭ پۇقرالار ئەمەس، بەلكى قورال شىركەتلىرى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.






















