رۇسىيەلىك سايلىغۇچىلار پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ پارتىيەسى دەپ قارىلىدىغان «بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە»نىڭ غەلىبە قىلىشى مۆلچەرلەنگەن، ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان پارلامېنت سايلىمىدا بېلەت تاشلاشنى باشلىدى.
رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسى بولغان دۇمادىكى 450 ئورۇننىڭ ئىگىلىرىنى بەلگىلەيدىغان سايلامنىڭ يەكشەنبە كۈنى تۈركىيە ۋاقتى سائەت 21:00 گىچە (GMT 18:00) داۋاملىشىشى، دەسلەپكى نەتىجىلەرنىڭ ئارقىدىنلا ئېلان قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
2022-يىلى فېۋرالدا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملارنى باشلىغان رۇسىيەدە شۇ ۋاقىتتىن بۇيان تۇنجى قېتىم پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە. سايلام يەنە رۇسىيە ئىشغال قىلىپ، ئۆزىگە قوشۇۋالغان ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى زېمىنلاردىمۇ ئۆتكۈزۈلمەكتە.
رۇسىيەلىك سايلىغۇچىلار ۋە تەھلىلچىلەر ھازىرقى دۇمادا ئاللىقاچان كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن «بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە» پارتىيەسىنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىپ، قانۇن چىقىرىش ئورگىنى ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.
«بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە»دىن باشقا، سايلامغا پەقەت ۋىلادىمىر پۇتىننى ۋە ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشنىڭ داۋاملىشىشىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە قوللايدىغان پارتىيەلەرنىڭ قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىندى. بۇلار رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كوممۇنىستىك پارتىيەسى(KPRF)، مىللەتچى رۇسىيە لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسى (LDPR)، ئاشقۇن «ئادى ل رۇسىيە» پارتىيەسى ۋە لىبېرال «يېڭى كىشىلەر» پارتىيەسىدىن ئىبارەت.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى چارشەنبە كۈنى كەچتە تېلېۋىزىيەدە تارقىتىلغان قىسقا سۆزىدە پۇقرالارنى بېلەت تاشلاشقا چاقىرىپ: «سىلەرنىڭ تاللىشىڭلار ۋە قەتئىيلىكىڭلار ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشتا مىليونلىغان كىشىنىڭ جەڭچىلىرىمىزنى قوللاۋاتقانلىقىنى ۋە بىزنىڭ ئىتتىپاق ئىچىدە ئىكەنلىكىمىزنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىدۇ» دېدى.
سايلامغا قاتنىشىشى توسۇپ قېلىنغان، سۈرگۈندىكى ئۆكتىچىلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ سان جەھەتتىكى كۈچىنى نامايان قىلىش مەقسىتىدە، «ئۇرۇشقا قارشى بارلىق رۇسىيەلىكلەر»نى ئوخشاش بىر كۈن ۋە ئوخشاش بىر ۋاقىتتا — 20-سېنتەبىر چۈشتە — ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ پارتىيەسىگە قارشى بېلەت تاشلاشقا چاقىردى.
















