بىخەتەرلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم قالىن ئەنقەرەدە ھاماس ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، كېلىشىمگە ئالاقىدار سۆھبەتتە بولغان.
سۆھبەتتە ھاماس ھەيئىتى، ئۇرۇش توختىتىش قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئىسرائىلىيە تەرىپىنىڭ سادىر قىلغان خىلاپلىق قىلمىشلىرى توغرىسىدا مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى كالىنغا مەلۇمات بەرگەن.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ قۇربان ھېيت بويىچە غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرى سۆھبەتنىڭ ئاساسلىق تېمىلىرى ئارىسىدىن ئورۇن ئالدى، كاپالەتچى دۆلەت تۈركىيەنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى يۆنىلىشىدىكى خىزمەتلىرى تىلغا ئېلىندى.
سۆھبەتتە يەنە، ئىسرائىلىيەنىڭ خىلاپلىق قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەرمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.
ھاماس ھەيئىتىدىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا رەھمەت
قۇددۇس قاتارلىق، ئىسرائىلىيەنىڭ پۈتۈن رايوننى نىشانلىغان ئىشغالىيەت ۋە مۇقىمسىزلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى تۇرۇش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن سۆھبەتتە يەنە، ھېچقانداق «ئالدىن قىلىنغان بېسىمغا» يول قويۇلمايدىغانلىقى تەكىتلەنىدى.
ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بىرىنچى باسقۇچىغا ئالاقىدار ئىسرائىلىيەنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى ئورۇندىشىنىڭ كاپالەندۈرۈلىشى ۋە مۇزاكىرە مۇساپىسىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە دائىر مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە، تۈركىيەنىڭ غەززەگە يەتكۈزگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى توغرىسىدىمۇ ئۇچۇر بېرىلدى. تېخىمۇ كۆپ ياردەم كىرىشىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلىشى ئۈچۈن رايون دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
ھاماس ھەيئىتى تۈركىيەنىڭ غەززەدە تىنچلىقنىڭ كاپالەندۈرۈلىشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى سەۋەبىدىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئۆزلىرىنىڭ رەھمەتلىرىنى يەتكۈزدى، تۈركىيەنىڭ غەززەدە مەڭگۈلۈك تىنچلىقنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىقلىرىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
















