نورۋېگىيە باش مىنىستىرى جوناس گاھر ستۆئېر، ياۋروپادا ئامېرىكانىڭ رايون بىخەتەرلىكىگە بولغان ساداقىتىگە ئالاقىدار ئەندىشىلەر ئېشىۋاتقان بىر پەيتتە، نورۋېگىيەنىڭ فىرانسىيەنىڭ يادرو قالقىنى ئاستىغا كىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
نورۋېگىيەنىڭ بۇ قەدىمى مۇھىم دەپ قارالماقتا. چۈنكى دۆلەت ئۇزۇندىن بۇيان بىخەتەرلىكىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ۋاشىنگتون بىلەن يېقىن ماسلىشىش ئىچىدە تەمىنلىيەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان ئاتلانتىك تەرەپدارى دۆلەت سۈپىتىدە تونۇلاتتى.
ستۆئېر چارشەنبە چۈشتىن كېيىن پىرېزىدېنت ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن كۆرۈشۈش ۋە فىرانسىيە بىلەن يېڭى بىر مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالاش ئۈچۈن پارىژغا باردى. كېلىشىم، نورۋېگىيەنىڭ فىرانسىيە رەھبەرلىكىدىكى يادرو قورال تەشەببۇسىغا قاتنىشىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ستۆئېر نورۋېگىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى NTB غا بەرگەن باياناتىدا: «بۇنى ياۋروپادىكى بىخەتەرلىك سىياسىتى ۋەزىيىتىنىڭ يورۇقلۇقىدا قىلىۋاتىمىز. بۇنىڭغا رۇسىيەنىڭ يادرو ساھەسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان چۆڭ كۆلەملىك قايتىدىن قوراللىنىشى ۋە باشقا بىر ياۋروپا دۆلىتىگە قاراتقان تولۇق ئۇرۇش يۈرگۈزۈشىمۇ كىرىدۇ» دېدى.
ستۆئېر تىنچلىق مەزگىلىدە نورۋېگىيەگە يادرو قوراللىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلمىقىدىغانلىقىنىمۇ سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.
5.6 مىليون نوپۇسقا ئىگە ئىسكاندىناۋىيە دۆلىتى ناتوغا ئەزا، لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەمەس ۋە دۆلەتنىڭ شىمالىدا رۇسىيە بىلەن چېگراسى تۇتىشىدۇ.
فىرانسىيە مارت ئېيىدا يادرو قالقاننىڭ قوغدىشىنى باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىگىمۇ كېڭەيتىشنى تەكلىپ قىلغان ئىدى. بۇ، ئەمەلىيەتتە نورۋېگىيەگە قارىتىلغان بىر ھۇجۇمنىڭ فىرانسىيەنىڭ يادرو جاۋابىنى قوزغىتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
نورۋېگىيە، رۇسىيە بىلەن چېگراسى تۇتىشىدىغان پولشا ۋە لىتۋانىيەدىن كېيىن فىرانسىيەنىڭ يادرو قوغدىشى ئاستىغا كىرگەن ئاخىرقى دۆلەت بولدى.
ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلەر فېدېراتسىيەسىنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا رۇسىيە ۋە ئامېرىكا، ھەر بىرى 5 مىڭدىن ئارتۇق يادرو ئۇرۇش بېشى بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ يادرو كۈچلىرى ئورنىدا تۇرىدۇ. خىتاينىڭ تەخمىنەن 500، فىرانسىيەنىڭ 290، ئەنگلىيەنىڭ بولسا 225 يادرو ئۇرۇش بېشى باردۇر.










