ھەرخىل تاراتقۇ ئورگانلىرى تارقاتقان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «باش كاتىپنىڭ توقۇنۇشقا چېتىشلىق جىنسىي زوراۋانلىق يىللىق دوكلاتى» رامكىسىدا، ئىسرائىلىيەنى توقۇنۇش رايونلىرىدا جىنسىي زوراۋانلىق يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلەنگەنلەر قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى، پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان ناچار مۇئامىلىسى سەۋەبىدىن تىزىملىككە رەسمىي كىرگۈزۈلگەنلەر ئورگانلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. باشقا ئىسرائىلىيە ئورگانلىرى بولسا كەلگۈسىدە تىزىملىككە ئېلىنىش ئېھتىماللىقىغا قارشى كۆزىتىش رامكىسىغا كىرگۈزۈلگەن.
بۇ قارار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، تاراتقۇ ئورگانلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەكشۈرگۈچىلىرى تەرىپىدىن توپلانغان پاكىتلار كۈنسىرى ئېشىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ۋە ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان پەلەستىنلىك مەھبۇسلارغا ئائىت يۈزلەرچە شاھىتلىق بايانلىرى، نازارەت، سوراق ۋە تۇتقۇنلۇق مۇساپىلىرىدە قىيناش ۋە جىنسىي زوراۋانلىققا دۇچ كېلىنگەنلىكىنى ئاشكارىلاندى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرى ئۆتكەن ئايدا، جىنسىي ۋە تەشكىللىك جىنسىي زوراۋانلىقنىڭ، ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى پەلەستىنلىكلەرگە قارشى «سىستېمىلىق بىر كونترول ۋە بېسىم قورالى» سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە بۇ قىلمىشلارنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىد ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ئىدى.
مۇتەخەسسىسلەر ناچار مۇئامىلىنىڭ نازارەت مەركەزلىرى، تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ۋە ئۆيلەرگە بېسىپ كېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوخشىمىغان تۈرلەردە يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، ئىسرائىلىيە كۈچلىرى بىلەن قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭمۇ بۇ قىلمىشلارغا چېتىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارا تىزىملىكى، تىزىملىككە ئېلىنغان تەرەپلەر نۇقتىسىدىن ئېغىر ئابروي ۋە دىپلوماتىك ئاقىۋەتلەرنى تۇغدۇرىدۇ.
يىللىق دوكلات، ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى قائىدە بويىچە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە سۇنۇلىدۇ.
ئۆتكەن ئاۋغۇست ئېيىدا دوكلاتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ قوراللىق توقۇنۇش ۋەزىيەتلىرىدە جىنسىي زوراۋانلىقى قىلغانلىقى گۇمانلىقلار ياكى بۇنىڭغا جاۋابكارلار تىزىملىكىگە قوشۇلۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن ئىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەنە، ب د ت تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى نازارەت مەركەزلىرىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.
ئىسرائىلىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارا تىزىملىك قارارىغا جاۋابەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس بىلەن پۈتۈن ئالاقىلەرنى ئۈزۈش تاشلىدى.
ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جىنسىي زوراۋانلىق تىزىملىكىگە كىرگۈشىنى «ھاڭۋاقتىلىق» دەپ تەرىپلىدى.
گۇتېررېسنىڭ باياناتچىسى سىتېفان دۇژاررىك باش كاتىپلىق ئىشخانىسىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ باياناتلىرىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
دۇژاررىك: «بىزنىڭ نۇقتىمىزدىن باش كاتىپنىڭ ئىشىكى ئوچۇق قېلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ»، دېدى.















