تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە ياساپ چىقىلغان يېڭى ئەۋلاد ئاساسىي مەشىق ئايروپىلانى «ھۈرقۇش-II» سەپلىمىگە كىرگۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئۈچۈن يېڭى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ھالۇك گۆرگۈن ۋە ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانى، گېنېرال رافەت دالقىران دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان «ھۈرقۇش-II» ۋە «ھۈرجەت» ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇش سىنىقىغا قاتناشتى.
گۆرگۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا «ھۈرقۇش-II» ھەققىدە ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە سانائىتىنىڭ ئىككى مۇھىم ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسى بىلەن ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانى، گېنېرال رافەت دالقىران بىلەن بىرلىكتە «ھۈرقۇش-II» ۋە «ھۈرجەت» ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچقۇچى بۆلمىسىگە ئولتۇرۇپ ئۇچقانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى:
«ئايروپىلاننىڭ ئۇچقۇچى بۆلمىسىگە ئولتۇرغىنىڭىزدا، لايىھەلەش ئۈستىلىدىن ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگىچە، سىناقتىن ئۇچۇشقىچە بولغان جەرياندىكى غايەت زور ئەمگەكنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىسىز. ئەمدى بۇ ئەمگەكنىڭ يېڭى بىر نەتىجىسىمۇ بارلىققا كېلىۋاتىدۇ. تۇنجى تۈركۈمدىكى› ھۈرقۇش- ‹II ئايروپىلانلىرىمىزنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىقىغا تاپشۇرىمىز. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە بۇ نەتىجىگە ھەسسە قوشقان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمىز، تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتى شىركىتىمىز (TUSAŞ)، ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىقىمىز، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بارلىق ھۆددىگەر شىركەتلىرىمىز، ئىنژېنېرلىرىمىز، تېخنىكلىرىمىز ۋە بارلىق خىزمەتداشلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىمەن.»
گۆرگۈن «ھۈرقۇش-II» نىڭ ئۇچۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ھەمبەھرىلىگەن سىندا، دالقىران بىلەن بىرلىكتە قىلىنغان ئەمگەكلەرگە ئاز بولسىمۇ ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن بۇ ئۇچۇشلارنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ: «تۈركىيە تۇنجى قېتىم ئۆزى ئىشلەپچىقارغان دۆلەتلىك ئايروپىلاننى ئۆز ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر ئىش. بۈگۈن ئاخىرقى سىناقلار ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ئاخىرقى سىناقلارنىڭ بىر قىسمى بولۇشمۇ بىز ئۈچۈن ئايرىم بىر پەخىرلىنەرلىك ئىش» دېدى.
دالقىران بولسا: «تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆز دۆلىتىمىز ئىشلەپچىقارغان ئايروپىلاندا ئۇچۇشتىنمۇ پەخىرلىك ئىش يوق» دېدى.
گۆرگۈن «ھۈرقۇش-II» نىڭ ئۇچۇشىدىن كېيىن: «سىناقتىن ئۆتتى، شۇنداقمۇ قوماندانىم؟ بۈگۈن قوبۇل قىلىش رەسمىيىتىنى تاماملىغان بولدۇق» دەپ سورىدى. دالقىران ئۇنىڭغا: «قالتىس. بولدى» دەپ جاۋاب بەردى.
«ھۈرجەت» يەرلىك رادار ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى
گۆرگۈن بىلەن دالقىران «ھۈرجەت»نىڭ سىناق ئۇچۇشىغىمۇ قاتناشتى. بۇ ئۇچۇش جەريانىدا ئايروپىلان تۈركىيەنىڭ ئۆزى ياساپ چىققان رادار ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى.
ئۇچۇش جەريانىدا «ھۈرجەت پ2»، «ئاسەلسان» شىركىتى ياساپ چىققان «مۇراد» ئاكتىپ ئېلېكتىرونلۇق سىكانېرلاش ماترىتسا رادارى (AESA) ئارقىلىق «ھۈرجەت پ1»نى بايقاپ، نىشانغا قۇلۇپلاندى.
گۆرگۈن تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى خادىملىرىنىڭ دەسلەپكى مەشىقنى «ھۈرقۇش»تا قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، ئاندىن ئىلغار مەشىق ئۈچۈن «ھۈرجەت»كە ئۆتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ ھەمبەھرىلىگەن سىندا ئۇچۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«بۈگۈن ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانىمىز بىلەن بىرلىكتە سەپ تارتىپ ئۇچۇش ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ۋە قىممەتلىك بولدى. قوماندانىمىز ھەيدىگەن، <ئاسەلسان> ياساپ چىققان AESA رادارى ئورنىتىلغان <ھۈرجەت> ئايروپىلانى بىز ئۇچقان <ھۈرجەت> ئايروپىلانىغا مەلۇم ئارىلىقتىن قۇلۇپ سالدى. بۇ تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشتى. بۇنى بىۋاسىتە باشتىن كەچۈرۈش، تارىخىي بىر پەيتكە شاھىت بولۇش ۋە پۈتۈن گۇرۇپپىمىز، قىممەتلىك خادىملىرىمىز بىلەن بۇ يولدا بىرلىكتە مېڭىش ئىنتايىن قىممەتلىك. ئەمگەك سىڭدۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. بۇنىڭ دۆلىتىمىزگە خەيرلىك بولۇشىنى تىلەيمەن.»

















