سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە كۆپ دۆلەتلىك ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ
ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە مۇشۇ ھەپتە ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ھورمۇز بوغۇزىنى قايتىدىن ئېچىش تىرىشچانلىقلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، 30 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ھەربىي پىلانلىغۇچىلىرى ئىشتىراك قىلغان يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلماقتا.
ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە كۆپ دۆلەتلىك ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ
ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە كۆپ دۆلەتلىك ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ / AFP

 ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە مۇشۇ ھەپتە ھورمۇز بوغۇزىنى قايتىدىن ئېچىش ئۈچۈن ماس قەدەملىك ئىستراتېگىيەنى يولغا قويۇش مەقسىتىدە، 30 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ھەربىي پىلانلىغۇچىلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلدى.

چارشەنبە كۈنى باشلانغان ئىككى كۈنلۈك يىغىن لوندوننىڭ شىمالىغا جايلاشقان نورتۋۇدتىكى ئەنگلىيەنىڭ دائىمىي ئورتاق قارارگاھىدا ئۆتكۈزۈلمەكتە.

بۇ سۆھبەتلەر يېقىنقى دىپلوماتىك كېلىشىملەرنى، سىجىل ئۇرۇش توختىتىش مۇھىتى ئاستىدا شارائىت يار بەرگەندە يولغا قويغىلى بولىدىغان ئەمەلىي ھەربىي پىلانغا ئايلاندۇرۇشنى نىشان قىلماقتا.

ھەربىي پىلانلىغۇچىلار ھەربىي ئىقتىدار، قوماندانلىق ۋە كونترول قىلىش ھەمدە قىسىملارنى رايونغا قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلماقتا.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە 28-فېۋرالدا ئورتاق ھۇجۇم باشلىغان ئىران 2-مارتتا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېكسپورتى جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ھورمۇز بوغۇزىدا پاراخوت قاتنىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

پاكىستان 8-ئاپرېلدا مۇرەسسەچىلىك قىلغان 14 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىشتىن كېيىن، 11-12-ئاپرېل كۈنلىرى ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرگە ساھىبخانىلىق قىلغان ئىدى؛ مەزكۇر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى ۋاشىنگتوندا چارشەنبە ئاخشىمى ئاخىرلىشىشى كېرەك ئىدى.

بىراق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەيشەنبە كۈنى، پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، تېھراننىڭ بىرلىككە كەلگەن بىر تەكلىپ لايىھەسى تەييارلىشىغا پۇرسەت بېرىش مەقسىتىدە، ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەم يېڭى بىر سۆھبەت باسقۇچى ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت ئىشلەنمەكتە، ھەمدە دېڭىز قاتنىشى يولىنى قايتىدىن ئېچىش مەسىلىسىدىكى سىياسىي مۈجمەللىكمۇ داۋاملاشماقتا.

ئىزدىنىڭ
خەۋپسىزلىك كېڭىشى لىۋاندىكى تىنچلىقنى ساقلاش قىسمىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى
مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ۋانس سەيشەنبە كۈنى ئىران سۆھبىتى دائىرىسىدە پاكىستانغا سەپەر قىلىدۇ
شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى بىلەن ھورمۇز بوغۇزى مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى
پولشا ئۇرۇش جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنى  جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە غەززەدە يەنە ئۈچ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
تېھران ئامېرىكانىڭ ئىران يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلىشىغا: «بۇ بىر دېڭىز قاراقچىلىقى» دەپ باھا بەردى
ترامپ: ئىراننىڭ قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇرانىنى قايتۇرۇۋېلىش مۇساپىسى «ئۇزۇن ۋە مۈشكۈل» بولىدۇ
خىتاي ئامېرىكانى تىنچلىق مەقسىتىدىكى يادرو مۇئەسسەسەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى رۇسىيەنىڭ تۇاپسې پورتىغا زەربە بەردى
ئىران موسساد بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىككى كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى
شىمالىي كورېيە چاچما بومبىلىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى سىناق قىلدى
ئىران ئۇرۇشى ئەۋجىگە چىققان بىر پەيتتە ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە فىلىپپىن بىرلەشمە مانېۋىر باشلىدى
ئىران يۈك پاراخوتىنىڭ تۇتۇپ قېلىنىشىغا قايتۇرما زەربە بېرىش ئۈچۈن ئامېرىكا پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
خىتايدىن كېلىۋاتقان ئىران پاراخوتىنى ئامېرىكا  تۇتۇپ قالدى، ئىران قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئەسكىرى جەنۇبىي لىۋاندا ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەيكىلىنى چىقىپ تاشلىدى