سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
خەۋپسىزلىك كېڭىشى لىۋاندىكى تىنچلىقنى ساقلاش قىسمىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى لىۋاندىكى تىنچلىقنى ساقلاش قىسمىغا قىلىنغان ھۇجۇم  ھەققىدە تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىنى ۋە مەسئۇللارنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
خەۋپسىزلىك كېڭىشى لىۋاندىكى تىنچلىقنى ساقلاش قىسمىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى
خەۋپسىزلىك كېڭىشى لىۋاندىكى تىنچلىقنى ساقلاش قىسمىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى / Reuters

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى لىۋاندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تىنچلىقنى ساقلاش قىسمى ئەسكەرلىرىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان، بىر كىشىنىڭ ئۆلۈمى ۋە ئۈچ كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

كېڭەش ئەزالىرى دۈشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق تىنچلىق ساقلاش قىسمىنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى ھەمدە بارلىق تەرەپلەرنى، خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن ھالدا، تىنچلىق ساقلاش قىسمى خادىملىرىنىڭ ۋە ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە، شۇنداقلا ۋەزىپە ئۆتەش ئەترىتىنىڭ ھەرىكەت ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا، تىنچلىقنى ساقلاش قىسمى خادىملىرىنى خەۋپكە ئىتتىرىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشقا چاقىردى.

خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«تىنچلىقنى ساقلاش قىسمى ئەسكەرلىرى ھەرگىزمۇ ھۇجۇمنىڭ نىشانى قىلىنماسلىقى كېرەك.»

كېڭەش يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن ھۇجۇمنى «دەرھال» تەكشۈرۈشنى، «مەسئۇللارنىڭ كېچىكتۈرۈلمەي جاۋابكارلىققا تارتىلىشىنى» تەلەپ قىلدى.

شەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا بىر فىرانسىيە ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئۈچ ئەسكەر يارىلانغان ئىدى.

تەكشۈرۈش داۋاملاشماقتا

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق تىنچلىق ساقلاش قىسمى شەنبە كۈنى جەنۇبتىكى غاندۇرىييە يېزىسىدا ئۆزلىرىنىڭ بىر مۇداپىئە نۇقتىسىنىڭ «دۆلەتكە تەۋە بولمىغان قوراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن يېنىك قوراللار بىلەن ئوققا تۇتۇلۇشى» دىن كېيىن تەكشۈرۈش باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىزبۇللاھ بۇ ھۇجۇم بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى رەت قىلدى، شۇنداقلا ئالدىراپ ئەيىبلەنگەنلىكىگە ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ھىزبۇللاھ يەنە بەزى تەرەپلەرنىڭ «ئىسرائىلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق تىنچلىق ساقلاش قىسمى خادىملىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملىرى جەريانىدا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇپ»، جىنايەتنى تېزلىكتە باشقىلارغا دۆڭگىمەكچى بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق تىنچلىق ساقلاش قىسمى خادىملىرى تۇنجى قېتىم 1978-يىلى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 2024-يىلقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار جەريانىدا ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى؛ بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ مۇداپىئە نۇقتىلىرى كۆپ قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

ئىزدىنىڭ
ئىران: ھورمۇز بوغۇزى ئۇرۇش توختىتىش مەزگىلىدە بارلىق سودا پاراخوتلىرىغا ئېچىۋېتىلىدۇ
ئەردوغان: ئىرانغا قىلىنغان قانۇنسىز ھۇجۇملار رايوندىكى بىخەتەرلىك خەۋپىنى ئاشۇردى
فىدان مىسىر، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى
سۈرىيە ئىسرائىلىيەنىڭ 1974-يىلقى چېگرا لىنىيەلىرىگە چېكىنىش چاقىرىقىدا بولدى
«ياۋروپا تېخىمۇ يۇقىرى پۇل پاخاللىقى ۋە ئاستا ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا قاراپ يۈزلىنىشى مۇمكىن»
ئەرەب ئەللىرى ئىسرائىلىيە-لىۋان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
فىدان ئانتاليادا شاھباز شەرىف بىلەن ئامېرىكا-ئىران تىنچلىق سۆھبىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى
سۈرىيە قىسىملىرى ئامېرىكا چېكىنگەندىن كېيىن ھەسەكەدىكى قاسراق ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا كىردى
خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى: ياۋروپانىڭ رېئاكتىپ ئايروپىلان يېقىلغۇسى 6 ھەپتىلا يېتىشى مۇمكىن
ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى» مودېلىغا قايتىش يوللىنى تاللىدى؟
ئىسرائىلىيە زاھرانى دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا ياشايدىغان لىۋانلىقلارنىڭ رايوننى بوشىتىشىنى تەلەپ قىلدى
خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى باشلىقى: ئىران دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە «جەزمەن» قاتنىشىدۇ
پېنتاگوننىڭ كۇباغا قىلىنغۇسى ھەربىي ھەرىكەت پىلانىنى «تېزلەتكەن»لىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
قۇرتۇلمۇش ئىسرائىلىيەنىڭ ب د ت دىكى ئەزالىقىنى توختىتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى
8-نۆۋەتلىك «TRT Humanitarian» فىلىم فېستىۋالىغا ئىلتىماس سۇنۇش باشلاندى