ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىراننىڭ قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇران زاپىسىنى قايتۇرۇۋېلىش مۇساپىسىنىڭ «ئۇزۇن ۋە مۈشكۈل بىر جەريان» بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ترامپ دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، 2025- يىلى ئىيۇندا ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇملار ھەققىدە توختىلىپ: «‹يېرىم كېچىدىكى بولقا ھەرىكىتى› (Operation Midnight Hammer) ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى تولۇق ۋە مۇتلەق شەكىلدە يوقىتىش ھەرىكىتى ئىدى» دېدى.
ئۇزۇندىن بۇيان مەزكۇر ھۇجۇملارنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى «بىتچىت قىلىپ تاشلىغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان ترامپ، يېقىندىن بۇيان ئىران يادرو زاپىسىنى «توزان» دەپ ئاتىماقتا ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «شۇڭا ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇزۇن ۋە مۈشكۈل بىر مۇساپە بولىدۇ» دېدى.
ترامپنىڭ باياناتلىرى پاكىستاندا ئۆتكۈزۈلۈشى كۆزدە تۇتۇلغان يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەتلەر ھارپىسىدا ئېلان قىلىندى. ئۇ يەكشەنبە كۈنى مۇزاكىرىلەر ئۈچۈن ئامېرىكا ۋەكىللىرىنىڭ ئىسلامئابادقا ئۇچىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە رەسمىي ھالدا قاتنىشىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرمىگەن تېھران ھۆكۈمىتى، ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئامېرىكا قامىلىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا.
پاكىستان 11-12-ئاپرېل كۈنلىرى پايتەخت ئىسلامئابادتا، ئامېرىكا بىل ئىران ئوتتۇرىسىدا 1979-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ئۈزۈلگەندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق بىۋاسىتە يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەتكە ساھىبخانلىق قىلغان، ئەمما سۆھبەتلەر ھېچقانداق بۆسۈش ھاسىل قىلىنمايلا ئاخىرلاشقانىدى.












