تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
فىدان ئانتاليادا شاھباز شەرىف بىلەن ئامېرىكا-ئىران تىنچلىق سۆھبىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى
خاقان فىدان ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى دائىرىسىدە پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا ۋە ئىران سۆھبەت ئۆمەكلىرىنىڭ تىنچلىق كېلىشىمى ئۈچۈن قايتىدىن ئىسلامئابادتا جەم بولۇشىنىڭ مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئۈستىدە سۆزلەشتى.
فىدان ئانتاليادا شاھباز شەرىف بىلەن ئامېرىكا-ئىران تىنچلىق سۆھبىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تۈركىيە، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە مىسىرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئانتاليادىكى دىپلوماتىيە مۇنبىرى پائالىيىتى جەريانىدا ئۇچراشماقچى. [@MFATurkiye] / Other
2 سائەت بۇرۇن

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى دائىرىسىدە پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا ۋە ئىران سۆھبەت ئۆمەكلىرىنىڭ تىنچلىق كېلىشىمى ئۈچۈن قايتىدىن ئىسلامئابادتا جەم بولۇشىنىڭ مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئۈستىدە سۆزلەشتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خاقان فىداننىڭ پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف بىلەن ئانتاليادا كۆرۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى؛ مىنىستىرلىق پەيشەنبە كۈنى كېچىدە تۈركىيەنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى  «NSosyal»دا بايانات ئېلان قىلىپ، ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن شەرىف بىلەن مىنىستىر فىداننىڭ مۇنبەردىن ئىلگىرى كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كۆرۈشۈشنىڭ مەزمۇنىغا ئائىت باشقا تەپسىلاتلار ئېلان قىلىنمىدى.

دۇنيا رەھبەرلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، بۇ يىللىق يەر شارى خاراكتېرلىك مۈجمەللىكلەرنى مۇزاكىرە قىلىشنى نۇقتا قىلغان بەشىنچى نۆۋەتلىك مۇنبەر ئۈچۈن 17-ئاپرېلدىن 19-ئاپرېلغىچە جەنۇبتىكى ئاق دېڭىز شەھىرى ئانتاليادا جەم بولىدۇ.

دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى «مۇجمەللىكلەرنى ھەل قىلىپ، كەلگۈسىنى پىلانلاش» بولىدۇ.

تۈركىيە، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى تىلغا ئېلىنىۋاتقان  مۇشۇ كۈنلەردە ئانتاليادىكى دىپلوماتىيە مۇنبىرىدە بىر يەرگە كېلىدۇ.

شەرىف ئۈچ دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زىيارەت سەپىرى دائىرىسىدە رىياد ۋە دوھا زىيارەتلىرىدىن كېيىن ئانتالياغا يېتىپ كەلگەن بولسا، پاكىستان ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى مارشال ئاسىم مۇنىر ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەركەزلەشكەن ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تېھراندا ئىدى.

ناتوغا ئەزا ۋە ئىراننىڭ قوشنىسى بولغان تۈركىيە، ئامېرىكا، ئىران ۋە ۋاسىتىچى پاكىستان بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولۇپ كەلمەكتە ھەمدە كۆپ قېتىم توقۇنۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى.

ئامېرىكا ۋە ئىران ئەمەلدارلىرى، يەكشەنبە كۈنى ھېچقانداق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنالماي ئاخىرلاشقان سۆھبەتتىن كېيىن، ئەڭ بالدۇر بولغاندا كېلەر ھەپتە ئاخىرى پاكىستانغا قايتىپ بېرىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.

ئىران بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، 28-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بىرلىكتە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشى بىلەن باشلانغان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى؛ بۇ ھۇجۇم ئىراننىڭ پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە ئوق چىقىرىشىغا ۋە لىۋاندا پاراللېل بىر توقۇنۇشنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي ۋە ئىسپانىيە «پارچىلىنىۋاتقان» دۇنيا تەرتىپىدە بىرلىككە كېلىش سىگنالى بەردى
ئامېرىكا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن خىتاي ماي توشۇش پاراخوتى ھورمۇز بوغۇزى قورشاۋىنى بۆسۈپ ئۆتتى
ئىران بەش ئەرەب دۆلىتىنى ئەيىبلىدى
ئىسلامئاباد: ئامېرىكا بىلەن ئىران يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت باشلاش ئۈچۈن دىيالوگنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە جەنۇبىي لىۋاننى ئۇزۇن مۇددەت بېسىۋېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
باش مىنىستىر مېرز نېتانياھۇنى غەربىي قىرغاقىنى «قىسمەن بېسىۋېلىش» مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىران يادرو قۇيۇلدۇرۇشنى 5 يىل توڭلىتىشنى تەكلىپ قىلدى، ئامېرىكا 20 يىلدا چىڭ تۇردى
ۋانىس: پاكىستاندىكى ئىران سۆھبەتلىرىدە «زور ئىلگىرىلەش» قولغا كەلتۈرۈلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەنى يېڭى دۈشمەن دەپ ئېلان قىلىشنىڭ كۇيىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز
جەنۇبىي كورېيە بىلەن پولشا مۇداپىئە ساھەسىدىكى ئالاقىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا
رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلاشتتى
پېدرو سانچېز: «خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ»
ترامپ ئىرانغا يېڭى ھۇجۇم قوزغاش پىلانىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە
ئىران-ئامېرىكا ئۇرۇش جىددىيچىلىكى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ترامپ تىغ ئۇچىنى 14- لېيونغا قاراتتى
ئاراقچى: سۆھبەت نابۇت بولۇشتىن ئىلگىرى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئىنتايىن يېقىنلاشقان ئىدۇق