خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە: 60 قا يېقىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئالاقىدار مەسئۇللار موسكۋاغا يېقىنلاشقان 59 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، رۇسىيە موسكۋا تەۋەلىكىدىكى تۆت ئايرودرومنىڭ ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى ۋاقىتلىق توختاتتى.
رۇسىيە: 60 قا يېقىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئارخىپ: موسكۋادىكى بىر ئايرودرومدا بىر يولۇچى نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى كۈتمەكتە، 2026-يىلى 6-ماي چارشەنبە. / AP

رۇسىيە ئاۋىياتسىيە دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنى كۆپ ساندىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، موسكۋادىكى تۆت ئايرودۇرۇمنى قىسقا ۋاقىت تاقىدى.

تېلېگرامما (Telegram) سۇپىسىدا بايانات ئېلان قىلغان موسكۋا شەھەر باشلىقى سېرگېي سوبيانىن، شەھەرگە قاراپ ئۇچۇپ كېلىۋاتقان 59 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

بۇ ھەقتە تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىگەن سوبيانىن، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى چۈشكەن رايونلارغا جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

كىيېۋنىڭ ئۇكرائىنادىكى شەھەرلەرنىڭ موسكۋا تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنىشىغا قايتۇرما زەربە بېرىش سۈپىتىدە رۇسىيە زېمىنىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى قويۇپ بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. سوبيانىن بولسا، بۇ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇكرائىنادىن كەلگەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

ئاۋىياتسىيەنى نازارەت قىلىش ئورگىنىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، شېرېمېتيېۋو، دومودېدوۋو، ۋنۇكوۋو ۋە پايتەخت ئەتراپىدىكى جۇكوۋىسكىي ئايرودروملىرىدا ئۇچۇشنىڭ توختىتىلغانلىقىنى، بىراق كېيىنچە قايتىدىن ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئالاقىدار مەسئۇللار ئەتىگەن سائەت 5:39 دا (گىرىنۋىچ ۋاقتى 02:39 دا) ئايرودۇرۇملارنىڭ قايتىدىن ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇ قېتىمقى ھۇجۇم ئۆتكەن ھەپتە موسكۋادىكى بىردىنبىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن يۈز بەردى.

2022-يىلى باشلانغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن بۇيان پايتەختكە قىلىنغان ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بۇ قېتىمقى زەربىدە، موسكۋانىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تەخمىنەن 200 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى.

رۇسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان قىرىم رايونىدىكى سېۋاستوپول شەھىرىنىڭ باشلىقى مىخايىل رازۋوژايېۋ تېلېگرامما سۇپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بارلىق دالا پائالىيەتلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ۋە بارلىق كوچا چىراغلىرىنىڭ ئۆچۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاھالىلەرنى توك سەرپىياتىنى ئازايتىشقا چاقىردى.

رۇسلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن ساياھەت مەركىزى بولغان قىرىمدا، ئاھالىلەر ۋە كارخانىلارغا يېقىلغۇ سېتىش توختىتىلدى ھەمدە يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەش پەقەت ئاساسىي مۇلازىمەتلەر ۋە بىخەتەرلىككە مەسئۇل دۆلەت ئورگانلىرى بىلەنلا چەكلەندى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيە: ئۇكرائىنا زاپورىژيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ قاتناش بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى
سىنگاپور باش مىنىستىرى ۋوڭ تۈركىيەگە كېلىدۇ
تۈركىيەنىڭ پورتۇگالىيەگە قىلىدىغان 2-ھەربىي پاراخوتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى باشلاندى
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ «2025-يىللىق تۈركىيە دوكلاتى»نى رەت قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئافىنانى تۈركىيە ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ: «تۈركىيەگە ئېھتىياجىمىز بار» دېدى
تۈركىيە دائىمىي تىنچلىققا تۆھپە قوشىدۇ
ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم لايىھەسىگە پاكىستان «مۇرەسسەچى» سۈپىتىدە ئىمزا قويدى
دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىن چاقىرىدۇ
پاكىستان ھىندىستانغا قاراتقان ھاۋا تەۋەلىكى چەكلىمىسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى
مىنىستىر فىدان: تۈركىيە بولمىسا، ترامپ كەلمەيتتى
تەيۋەن پىرېزىدېنتى ئامېرىكانىڭ قورال سېتىش پىلانىنى تېزدىن تەستىقلىشىنى تەلەپ قىلدى
«ئاي-يۇلتۇزلۇق كوماندا» سان خوسېدا تۇنجى مەشىقىنى ئۆتكۈزدى
شېرىف: ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى «دەرھال» قايتا ئاچىدۇ، ئامېرىكا قامالنى «دەرھال» بىكار قىلىدۇ
ترامپ بىلەن پەزەشكىيان ئىمزا قويدى: ئامېرىكا-ئىران كېلىشىمى «رەسمىي ھاسىل قىلىندى»
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان قازاندا ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى