كۇپېرنىڭ تەكلىپىنىڭ، ترامپنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى توختىتىش قارارىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ، ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدىكى بومباردىمان قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى چەككە يەتكەنلىكىنى، تېخىمۇ كۆپ ھۇجۇم قىلىشنىڭ «نىشانلارنىڭ كۆپىنچىسى تۈگىگەنلىكى» سەۋەبىدىن توختىتىلىشىنى تەۋسىيە قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئاكسىيوس (Axios) قا بايانات بەرگەن ئىككى مەنبەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى قوماندانى ئادمىرال براد كۇپېرنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا ھورمۇز ئەتراپىنى تېخىمۇ كۆپ بومباردىمان قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقى ھەققىدە تەكلىپ بەرگەنلىكى، بۇ تەكلىپنىڭ پىرېزىدېنتنىڭ جۈمە كۈنى ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى توختىتىش قارارىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا كۇپېر، تېھراننىڭ سودا پاراخوتلىرىنى نىشانلاش ئىقتىدارىنى «كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاجىزلاتقان ھۇجۇملارنىڭ تەرەققىي قىلىپ تولۇق كۆلەملىك بىر توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتمىگەن تەقدىردە، ئىستراتېگىيەلىك مەقسەتكە خىزمەت قىلمايدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.
خەۋەردە، بومباردىمانلارنى توختىتىش تەۋسىيەسىنىڭ ترامپقا ھەم ھەربىي ھەم پۇقراۋى مەسلىھەتچىلەر تەرىپىدىن قىلىنغانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىن ئالاھىدە ھاۋا ھۇجۇملىرى بىلەن «قوشۇمچە نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدىغان نىشاننىڭ قالمىغانلىقى» تەكىتلەنگەنلىكىگە ئورۇن بېرىلدى.
ترامپ تەخمىنەن ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ھەر كۈنى ئامېرىكا ئارمىيەسى سۇنغان ھۇجۇم پىلانلىرىنى ماقۇللاپ كېلىۋاتاتتى ۋە بۇ پىلانلار ئوتتۇرا شەرقتىكى شۇ جاي ۋاقتى بىلەن يېرىم كېچە ئەتراپىدا ئىجرا قىلىنىۋاتاتتى.
پىرېزىدېنتنىڭ جۈمە كۈنىدىكى ھۇجۇملارنى توختىتىش بۇيرۇقىدا، توختىتىش بۇيرۇقىدا، ئالدىنقى 13 كۈندىن بۇيان ھەر كۈنى يۈز بېرىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ توختىتىلىشىنىڭ قانچىلىك ۋاقىت داۋاملىشىدىغانلىقى توغرىسىدا تولۇق ئېنىقلىق يوق.
جۈمە كۈنى كېچىسى پايتەخت ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاقساراي مۇخبىرلار جەمئىيىتىنىڭ كەچلىك تاماق زىياپىتىدە سۆز قىلغان ترامپ، ئىراننىڭ نۆۋەتتە بىر كېلىشىم تۈزۈشكە تەييار ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ترامپنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان يېڭى بىر ھۇجۇم بۇيرۇقىنى ماقۇللىماسلىقى بىلەن، ئومان ھەيئىتىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى قايتىدىن ئېچىش مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تۈنۈگۈن تېھرانغا يېتىپ بېرىشى تەخمىنەن ئوخشاش سائەتلەرگە توغرا كەلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى مايك ۋالتز، ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى ئىككى كۈن توختىتىپ قويغان پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىران بىلەن دىپلوماتىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە «يول ئېچىپ بەرگەنلىكىنى» ئېيتتى ھەمدە پىرېزىدېنتنىڭ يەنىلا «بارلىق تاللاشلارنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇۋاتقانلىقىنى» قەيت قىلدى.























