سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئامېرىكالىق مەنسەپدىشى ماركو رۇبىيو بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
لاۋروۋ بىلەن رۇبىئو فىلىپپىندا ئۆتكۈزۈلگەن ASEAN يىغىنلىرى دائىرىسىدە ئۇچراشتى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، لاۋروۋ بىلەن رۇبىيو فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلادا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى («ئاسىئان» / ASEAN) يىغىنلىرى دائىرىسىدە بىر يەرگە جەم بولغان.

ئۇكرائىنا كىرىزىسى مۇزاكىرە قىلىنغان ئۇچرىشىشتا، لاۋروۋ ئامېرىكالىق مەنسەپدىشىگە توقۇنۇش لىنىيەسىدىكى ھەقىقىي ۋەزىيەت توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ: «كىيېۋ ھۆكۈمىتىگە قورال-ياراغ ياردىمى بېرىش ئارقىلىق رۇسىيەنى ئىستراتېگىيەلىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ۋەزىيەتنى تۇراقسىزلاشتۇرغۇچى سىياسەتلىرىنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس» دېگەن.

لاۋروۋ يەنە، رۇسىيە تەرەپنىڭ مەسىلىنى سىياسىي ۋە دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن ئالياسكا باشلىقلار يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەرگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق مەسىلەرمۇ مۇھاكىمە قىلىنغان ئۇچرىشىشتا، ئىككى مىنىستىر پارس قولتۇقىدىكى ۋەزىيەت توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇردى.

ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش مۇساپىسى مۇزاكىرە قىلىنغان ئۇچرىشىشتا، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا دىپلوماتىك ئورگانلار ۋاكالەتخانىلىرىنىڭ خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدى.

لاۋروۋ بىلەن رۇبىيو رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسى («روسكوسموس» / Roscosmos) بىلەن ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ۋە ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسى («ناسا» / NASA) ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى رىشتىلەرنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۇچرىشىشتا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى  ۋىلدبېررېس ئەشيا ئوبوروت مەركەزلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ئىران ئامېرىكا يادرو ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، ھۇجۇملىرىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىران ئامېرىكا يادرو ئورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، ھۇجۇملىرىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
«بۇ يىلنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى % 37 ئاشتى»
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى چېكىنگەندىن كېيىن لىۋان ئارمىيەسى جەنۇبتىكى يەنە بىر رايونغا كىردى
شىمالىي كورېيە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە رۇسىيەنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى
جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا جىددىيچىلىك كەسكىنلىشىپ كەتتى
كانادا ئامېرىكا بىلەن سودا سۆھبەتلىرىنى تېزلىتىدۇ
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى باشلاندى
ئامېرىكا ئىرانغا يېڭىدىن ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى دەلىللىدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي شىركىتىگە قانۇنسىز مەھسۇلاتلار سەۋەبىدىن 629 مىليون دوللار جەرىمانە قويدى
لاۋروۋ شىمالىي كورېيەلىك مەنسەپدىشى چو بىلەن بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىلەشتى
كالىباف: ئامېرىكانىڭ سۆزى بىلەن ھەرىكىتىنىڭ بىر-بىرىگە زىت
تۈركىيە: «مونترو بوغۇزلار كېلىشىمىنى 90 يىلدىن بىرى ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىجرا قىلىۋاتىمىز»
پاكىستان بىلەن قاتار ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى