ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان جانغا زامىن بولۇش ھۇجۇمىدىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سەھىيە دائىرىلىرى رەفاھ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق مىسىرغا قىلىنىدىغان بىمار يۆتكەش خىزمەتلىرىنى كېيىنكى ئۇقتۇرۇشقىچە توختاتتى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۆزلىرىگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن توختاملىق ئىشلەۋاتقان بىر خادىمنىڭ ئىسرائىلىيە ھۇجۇمى نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن، غەززەدىن تارقاقلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى توختاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دىرېكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەدە تەشكىلاتقا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن توختاملىق ئىشلەۋاتقان بىر خادىمنىڭ بۈگۈنكى بىر خەۋپسىزلىك ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى، تەشكىلاتىمىز بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدۇ.» ئۇ يەنە ۋەقە يۈز بەرگەن ئەسنادا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىككى خادىمىنىڭمۇ نەق مەيداندا ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ يارىلانمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تېدروس باياناتىنىڭ داۋامىدا: «ۋەقەدىن كېيىن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۈگۈن رەفاھ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق مىسىرغا قىلىنىشى پىلانلانغان بىمارلارنى داۋالاش ئۈچۈن تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى توختاتتى. كېيىنكى ئۇقتۇرۇشقىچە داۋالاش مەقسىتىدىكى تارقاقلاشتۇرۇشلار ئېلىپ بېرىلمايدۇ» دېدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سەھىيە ئاگېنتلىقى بولغان مەزكۇر تەشكىلات يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى؛ تېدروس باياناتىدا مەسىلىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشنىڭ «مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر» تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
تېدروس باياناتىدا يەنە: «پۇقرالارنى ۋە ئىنسانىي ياردەم خادىملىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.
ئىسرائىلىيە ئۇدا ئىككى يىل داۋاملاشقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىدىن كېيىن، غەززەدە 10-ئۆكتەبىر كۈنى يولغا قويۇلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى دەپسەندە قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئىسرائىلىيە 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدىكى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى داۋامىدا، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 72 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى قەتل قىلدى.










