فىلادېلفىيەدىكى كونسېرتتىن بۇرۇن پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.
پوپ چولپىنى ئېد شېراننىڭ ئامېرىكا سەييارە ئويۇنى، ئېچىلىش سەنئەتكارى ماكلېمورنىڭ پەلەستىننى قوللايدىغان قاراشلىرى سەۋەبىدىن پىروگراممىدىن چىقىرىۋېتىلىشىنىڭ ئارقىسىدىن مۇنازىرىلەرنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى.
شېراننىڭ فىلادېلفىيەدىكى كونسېرتىدىن بۇرۇن لىنكولىن مالىيە مەيدانىنىڭ ئالدىدا جەم بولغان پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار، پەلەستىن بايراقى كۆتۈرۈپ چىقتى ۋە «پەلەستىنگە ئازادلىق» شوئارلىرىنى توۋلىدى.
رېپچى ماكلېمور يېڭى جېرسىي ئىشتاتىدا سەھنىدە «پەلەستىنگە ئازادلىق» دېگەن شوئارنى توۋلىغاندىن كېيىن دۈشەنبە كۈنى «Loop Tour» سەييارە ئويۇن گۇرۇپپىسىدىن چىقىرىۋېتىلدى. بۇ قارارنىڭ، مىلياردېر روبېرت كرافت باشچىلىقىدىكى زال ئىگىلىرىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشى سەۋەبىدىن ئېلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.
35 ياشلىق شېران بولسا ماكلېمورنىڭ سەييارە ئويۇندىن چىقىرىۋېتىلىش قارارىدا ئۆزىنىڭ ھېچقانداق رولىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى ۋە جاۋابكارلىقنىڭ سەييارە ئويۇن ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرىغا ئائىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بايقۇت چاقىرىقلىرى
پەلەستىن ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە ئاكادېمىك ۋە مەدەنىيەت بايقۇتى ھەرىكىتى شەنبە كۈنى ئېد شېرانغا قاراتقان بايقۇت چاقىرىقىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى.
PACBI نىڭ باياناتىدا، شېراننىڭ پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان لاتىن ئامېرىكا كونسېرتلىرى بىلەن تېخى ئېلان قىلىنمىغان ياۋروپا بېكىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن دۇنيا سەييارە ئويۇنىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى.
بۇ مۇنازىرە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقى 2023-يىلى ئۆكتەبىردە باشلانغاندىن بۇيان، كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى سەنئەتكارلار ۋە ئۇيۇشتۇرغۇچىلار ئۈستىدىكى بېسىم ئېشىۋاتقان بىر مەزگىلدە يۈز بەردى.
ئىسرائىلىيە 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدىكى ھۇجۇملىرىدا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ 73 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى ۋە 174 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يارىلاندۇردى.




















