خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىران دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئالىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى مۇھسىن رىزائىي، تېھراننىڭ يەمەندە ھۆكۈمەت كۈچلىرى بىلەن خۇسىيلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭمۇ ئاخىرلىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى

ئىران دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئالىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى مۇھسىن رىزائىي، تېھراننىڭ ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان سۆھبەتلەرگە قايتىدىن قېتىلىش ئۈچۈن قويغان شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

رىزائىي شەنبە كۈنى «ئەل جەزىرە» گە بەرگەن زىيارىتىدە، ئىراننىڭ شەرتلىرى ئارىسىدا ئۇرۇشنىڭ بارلىق سەپلەردە پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىشى، ئىرانغا تەۋە مالىيە مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىپ قويۇشنىڭ بىكار قىلىنىشى ۋە دېڭىز قورشاۋىغا خاتىمە بېرىلىشىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

قاتار ۋە پاكىستانلىق ۋاسىتىچىلەر بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن رىزائىي، تېھراننىڭ شەرتلىرىنى مۇشۇ دۆلەتلەر ئارقىلىق يەتكۈزگەنلىكىنى ۋە ھازىر ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپتىن جاۋاب كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

رىزائىي ئىراننىڭ ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىقىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ ۋاشىنگتوننىڭمۇ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ترامپنىڭ تەھدىتلىرىنىڭ «نەتىجە بەرمەيدىغانلىقىنى» ئېيتقان رىزائىي، ئىراننىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە قەتئىي بىر توقۇنۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىران دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئالىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى مۇھسىن رىزائىي، سەئۇدى ئەرەبىستانمۇ قاتناشقان يەمەندىكى توقۇنۇشلار ئۈستىدە توختىلىپ، تېھراننىڭ يەمەن ھۆكۈمەت كۈچلىرى بىلەن خۇسىيلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئوتتۇرا شەرقتىكى جىددىيچىلىك، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ فېۋرال ئېيىدا ئىرانغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملارنى قوزغىشى، شۇنداقلا تېھراننىڭمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن رايوندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە تېخىمۇ ئۇلغىيىپ كەتكەن ئىدى.

پاكىستان جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن ۋاسىتىچىلىك قىلدى ۋە ۋاشىنگتون بىلەن تېھران ئوتتۇرىسىدا ئىيۇن ئېيىدا توقۇنۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان بىر كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنىشىغا تۆھپە قوشقان ئىدى.

ئەمما بۇ كېلىشىم كېيىنچە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ھورمۇز بوغۇزى مەسىلىسىدە يۈز بەرگەن ئىختىلاپلار سەۋەبىدىن بۇزۇلۇپ كەتتى.

يەمەندىكى توقۇنۇشلار، ھۇسىيلارنىڭ 2014-يىلى سېنتەبىردە پايتەخت سانا بىلەن بەزى ئۆلكىلەرنى قولغا كىرگۈزۈشىدىن كېيىن باشلانغان ئىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئەرەب بىرلەشمە قىسمى خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ھۆكۈمەتنى قوللاش مەقسىتىدە 2015-يىلى مارتتا يەمەن ئۇرۇشىغا ئارىلاشتى.

خۇسىيلار بىلەن ھۆكۈمەت كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار، تۆت يىل داۋاملاشقان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىيۇل ئېيىدا ئاخىرلىشىشى بىلەن قايتىدىن باشلاندى.

يېقىنقى كۈنلەردە قىزىل دېڭىزدىكى ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە دېڭىز تىرانسپورت لىنىيەسىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا جايلاشقان بابۇلمەندەپ بوغۇزى ئەتراپىدىكى توقۇنۇشلاردا يۈزلەرچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەنگە قورشاۋ شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىيۇل ئېيىدا قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارشى دېڭىز قورشاۋى باشلاتتى. رىياد بولسا بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran, Pakistan discuss regional developments amid US tensions, Hormuz passage deadlock
ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى