خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
كانادادا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە ياردەم بەرگەن ئاۋىئاتسىيە خادىملىرى قولغا ئېلىندى
كانادا خانلىق ئاتلىق ساقچى قىسىمى (RCMP) مونترال ترۇدۇ خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە پورتى ئارقىلىق زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلىنىشىغا ياردەم بەرگەنلىك گۇمانى بىلەن «Air Canada» نىڭ ئىككى خادىمىنى قولغا ئالدى.
كانادادا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە ياردەم بەرگەن ئاۋىئاتسىيە خادىملىرى قولغا ئېلىندى
كانادادا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە ياردەم بەرگەن ئاۋىئاتسىيە خادىملىرى قولغا ئېلىندى

ئىككى گۇماندارنىڭ «Air Canada» تەۋەلىكىدە ھەرخىل ۋەزىپىلەردە بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

فېدېراتىپ ساقچى قىسىمى چوڭ مونترال رايونىدىكى ئىككى ئولتۇراق ئۆي بىلەن بىر ئاپتوموبىلدىن باشقا، ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن «Air Canada» خادىملىرىنىڭ دورۋالدىكى خىزمەت بازىسىدىمۇ ئاختۇرۇشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ساقچىنىڭ باياناتىدا، گۇماندارلارنىڭ كوكايىن ئىمپورت قىلىش بىلەن نىشە ئېكسپورت قىلىشنى ئاسانلاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان ھالدا يۈك-تاقلارنىڭ ئاۋىئاتسىيە پورتىنىڭ بىخەتەر رايونلىرىدىن ئۆتكۈزۈلۈشىگە ياردەم بەرگەنلىكى مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

قولغا ئېلىنغان ئىككى خادىم چارشەنبە كۈنى سوراق قىلىندى.

سۈرۈشتۈرۈشنىڭ ماي ئېيىدا دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىدىن كەلگەن بىر ئايروپىلاندا مۈرە سومكىلىرىغا يوشۇرۇلغان 62 كىلوگراملىق كوكايىننىڭ قولغا چۈشۈرۈلۈشى بىلەن باشلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

سۈرۈشتۈرۈش جەريانىدا يەنە 56 كىلوگرام نىشە قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

قولغا ئېلىنغۇچىلارنىڭ رەسمىيەتلەردىن كېيىن ئەدلىيەلىك جەريان تاماملانغۇچە قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

«Air Canada»، داۋاملىشىۋاتقان سۈرۈشتۈرۈش دائىرىسىدە ئىككى خادىمنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئىنسان كونتروللۇقىدىن چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە
فىنلاندىيە باش مىنىستىرى رۇسىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ھۇجۇملىرىغا قارىتا ئاگاھلاندۇردى
ئىسرائىلىيە UNRWA نىڭ شەرقىي قۇددۇستىكى مائارىپ مەركىزىنى بېسىۋالدى
شانلىئۇرفاغا قاراشلىق قاراخانتەپەدە 11 مىڭ يىللىق ھەيكەل تېپىلدى
ھىندىستاندا سوت مەھكىمىسى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتە ياغلىق ئارتىپ كىرىش تەلىپىنى رەت قىلدى
ئىران ئامېرىكنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
101 ياشلىق ئايال زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى
ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇمى %63 ئاشتى
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»