غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە UNRWA نىڭ شەرقىي قۇددۇستىكى مائارىپ مەركىزىنى بېسىۋالدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شەرقىي قۇددۇسنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ مەركىزىگە بېسىپ كىرىپ، ئۇنى تولۇق قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئىسرائىلىيە UNRWA نىڭ شەرقىي قۇددۇستىكى مائارىپ مەركىزىنى بېسىۋالدى
 ئىسرائىلىيە UNRWA نىڭ شەرقىي قۇددۇستىكى مائارىپ مەركىزىنى بېسىۋالدى

ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا خىزمەت قىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرقتىكى پەلەستىن مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش – خىزمەت ئىشلەش ئورگىنى (UNRWA) غا تەۋە كەلەندىيە مائارىپ مەركىزىنى بېسىۋالدى. پەلەستىن ھاكىمىيىتىگە قاراشلىق قۇددۇس ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى مەركەزدىكى بارلىق خادىملارنى مەجبۇرىي چىقىرىۋەتكەن ۋە ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە قايتىپ كېلىشىنى مۇددەتسىز مەنئىي قىلغان.

ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا بۇ تاجاۋۇزچىلىقنى ئاقلاش ئۈچۈن، قۇددۇس شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يەردە يېڭى بىر مائارىپ ۋە ئىجتىمائىي ئەسلىھە قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى يەنە UNRWA نىڭ بۇ يەر ئۈستىدە ھېچقانداق مال - مۈلۈك ھوقۇقى يوقلۇقىنى دەۋا قىلدى.

ئىسرائىلىيە پارلامېنتى 2024-يىلى ئۆكتەبىردە UNRWA نىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان بولۇپ، بۇ قارار 2025-يىلى يانۋاردا كۈچكە ئىگە بولغان ئىدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2026-يىلى يانۋار ئېيىدا UNRWA نىڭ باش ئىش بېجىرىش ئورنىغىمۇ بېسىپ كىرىپ، ئۇ يەردىكى ئەسلىھەلەرنى ۋەيران قىلغان ئىدى. بۇ خىل بېسىۋېلىش ھەرىكەتلىرى پەلەستىن زېمىنىدىكى 2 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق مۇساپىرنىڭ تۇرمۇشىغا ۋە مائارىپىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ