تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە دۇنياۋى پارچىلىنىشلارغا قارشى سودا كارىدورلىرىغا ئەھمىيەت بەرمەكتە
شىمشەك تۈركىيەنىڭ دۇنياۋى پارچىلىنىشلارغا قارشى سودا كارىدورلىرىغا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە دۇنياۋى پارچىلىنىشلارغا قارشى سودا كارىدورلىرىغا ئەھمىيەت بەرمەكتە
تۈركىيە دۇنياۋى پارچىلىنىشلارغا قارشى سودا كارىدورلىرىغا ئەھمىيەت بەرمەكتە / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەكنىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيا ھېچقانداق دەۋردە كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدىكى قويۇق ئېنىقسىزلىق، قۇتۇپلىشىش، توقۇنۇش ۋە جىددىيچىلىكلەرگە دۇچ كەلمەكتە.

خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك، كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خەلقئارالىق قوغدىنىش سىياسىتى ۋە ئىقتىسادىي پارچىلىنىشقا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە، تۈركىيەنىڭ «تەرەققىيات يولى» ۋە «ئوتتۇرا كارىدور» غا ئوخشاش دۇنياۋى سودا يوللىرىغا سالغان سېلىنمىلىرىنى تەكىتلىدى.

مىنىستىر چارشەنبە كۈنى «Kanal 7» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «يۈكسىلىۋاتقان تۈركىيە باشلىقلار يىغىنى» دا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ باغلىنىشچانلىق ۋە رايون خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي بىرلىشىشكە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق، دۇنياۋى پارچىلىنىشقا قارشى دۆلەت مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كارىدورلارنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ھېچقانداق دەۋردە كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە دۇنيانىڭ قويۇق ئېنىقسىزلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، قۇتۇپلىشىش، توقۇنۇش ۋە جىددىيچىلىكلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن مەھمەت شىمشەك، ئامېرىكا – ئىسرائىلىيە - ئىران ئۇرۇشى ئېلىپ كەلگەن بەزى ۋاقىتلىق ماكرو ئىقتىسادىي تەسىرلەرنىڭ بارلىقىنى، بازارلاردا دۇنياۋى پۇل پاخاللىقىنىڭ ئۆرلىشى، مالىيە شارائىتىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە قىيىنلىشىش خەۋپى ۋە ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تۆۋەنلىشى كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

شىمشەك بەسرەدىن تۈركىيەگە سوزۇلغان تەخمىنەن 1200–1250 كىلومېتىرلىق تۆمۈريول لىنىيەسى، بىر تاشيول ۋە بىر ئېنېرگىيە كارىدورىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «تەرەققىيات يولى» نىڭ بۇ باغلىنىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - A look at Middle Corridor’s strategic rise and transformative trajectory

ئاسىيانى ياۋروپاغا باغلاش

مەھمەت شىمشەك ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار ۋە ئىراقنىڭمۇ بۇ لايىھەدە شېرىك سۈپىتىدە ئورۇن ئالغانلىقىنى ئېيتى، «ئوتتۇرا كارىدور» نىڭ ئاسىيانى ياۋروپاغا باغلايدىغان ئاساسلىق كارىدورلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ۋە ئانادولۇدىن ئۆتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

شىمشەك: «ئىستانبۇلدىكى 3-كۆۋرۈك ۋە بۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتىدىغان تۆمۈريول ئۇلىنىشى ئۈچۈن ئالاھىدە كەڭ ياسالدى، بۇ ئوتتۇرا كارىدورنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، 8.1 مىليارد دوللارلىق بىر تۈر ھېسابلىنىدۇ» دېدى ھەمدە بۇ لايىھەگە كېرەكلىك مەبلەغنىڭ %83 نى خەلقئارالىق مالىيە ئورگانلىرىنىڭ تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مىنىستىر يەنە تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا كارىدورنى كۈچەيتىش ئۈچۈن دۇنيا بانكىسى بىلەن بىر كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Strategic integration: How the Development Road Project reinforces the middle corridor
ئىزدىنىڭ
خەۋپسىزلىك كېڭىشى لىۋاندىكى تىنچلىقنى ساقلاش قىسمىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى
مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ۋانس سەيشەنبە كۈنى ئىران سۆھبىتى دائىرىسىدە پاكىستانغا سەپەر قىلىدۇ
شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى بىلەن ھورمۇز بوغۇزى مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى
پولشا ئۇرۇش جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنى  جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە غەززەدە يەنە ئۈچ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
تېھران ئامېرىكانىڭ ئىران يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلىشىغا: «بۇ بىر دېڭىز قاراقچىلىقى» دەپ باھا بەردى
ترامپ: ئىراننىڭ قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇرانىنى قايتۇرۇۋېلىش مۇساپىسى «ئۇزۇن ۋە مۈشكۈل» بولىدۇ
خىتاي ئامېرىكانى تىنچلىق مەقسىتىدىكى يادرو مۇئەسسەسەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى رۇسىيەنىڭ تۇاپسې پورتىغا زەربە بەردى
ئىران موسساد بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىككى كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى
شىمالىي كورېيە چاچما بومبىلىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى سىناق قىلدى
ئىران ئۇرۇشى ئەۋجىگە چىققان بىر پەيتتە ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە فىلىپپىن بىرلەشمە مانېۋىر باشلىدى
ئىران يۈك پاراخوتىنىڭ تۇتۇپ قېلىنىشىغا قايتۇرما زەربە بېرىش ئۈچۈن ئامېرىكا پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
خىتايدىن كېلىۋاتقان ئىران پاراخوتىنى ئامېرىكا  تۇتۇپ قالدى، ئىران قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئەسكىرى جەنۇبىي لىۋاندا ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەيكىلىنى چىقىپ تاشلىدى