ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى IRIB نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىران ھەيئىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن يەنە بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پاكىستانغا بارمىغان.
ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى IRIB نىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى:
«ھازىرغىچە مەيلى ئاساسلىق ھەيئەت بولسۇن، ياكى ھەرقانداق بىر تارماق، دەسلەپكى ياكى قوشۇمچە ھەيئەت بولسۇن، پاكىستاننىڭ ئىسلاماباد شەھىرىگە بارمىدى.»
IRIB يەنە ئىران ھەيئىتىنىڭ پاكىستانغا بارىدىغانلىقى ياكى سۆھبەتلەرنىڭ دۈشەنبە كۈنى كەچتە ياكى سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ پىلانلانغانلىقى ھەققىدە مەتبۇئاتلاردا چىققان نۇرغۇن خەۋەرلەرنىڭ راست ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.
خەۋەردە يەنە، ئىران دائىرىلىرىنىڭ يەكشەنبە كۈنى كەچتە ئېلان قىلغان باياناتى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «ئىراننىڭ سۆھبەتلەرگە قاتنىشىشىنىڭ ئامېرىكالىقلارنىڭ پوزىتسىيەسىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە باغلىق» ئىكەنلىكى ۋە تېھراننىڭ «تەھدىت ئاستىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان» سۆھبەتلەرنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
پاكىستان 8-ئاپرېلدا مۇرەسسەچىلىك قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن ۋە چارشەنبە كۈنى مۇددىتى توشىدىغان 14 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئۈچۈن، 11 – 12 -ئاپرېل كۈنلىرى ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرگە ساھىبخانلىق قىلغان ئىدى.
ئىسلامابادتا يەنە بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەنمەكتە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېنىقسىزلىقلارمۇ داۋاملاشماقتا.
پاكىستان مەنبەلىرى ئىلگىرى ئىران دائىرىلىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئىسلامابادقا كېلىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.
ئاقساراي ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جېي دى ۋانسنىڭ پاكىستانغا قايتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، لېكىن تېھران ئامېرىكانى ئىران پورتلىرىنى قورشاۋ ئاستىغا ئېلىش ۋە بىر پاراخوتنى قولغا چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئىراننىڭ سۆھبەتكە قاتنىشىش-قاتناشماسلىقى ھەققىدە ئېنىقسىزلىق داۋاملاشماقتا.
ۋانسنىڭ سۆھبەت ئۈچۈن سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئىسلامابادقا بېرىشى كۈتۈلمەكتە.
ئامېرىكا تەرەپمۇ تېھراننى، دۇنيا نېفىتىنىڭ بەشتىن بىرى ئۆتىدىغان يول بولغان ۋە ئىران ئامېرىكا ھەم ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن باشلانغان ئۇرۇشقا قايتۇرما زەربە سۈپىتىدە پۈتۈنلەي تاقىۋەتكەن ھورمۇز بوغۇزىدا پاراخوتلارنى پاراكەندە قىلىپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. ئاقساراي دۈشەنبە كۈنى تېھراندىن مۇزاكىرە ھەيئىتىنى ئىسلامابادقا ئەۋەتىدىغانلىقىغا دائىر بىر ئىشارەت كۈتتى.
مۇرەسسەچىلەر ئىران دائىرىلىرىدىن سۆھبەتكە قاتنىشىدىغان بىر ھەيئەت ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئېھتىماللىقىنىڭ ناھايىتى تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ۋە 28-فېۋرالدا باشلانغان ئۇرۇشنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاخىرلاشتۇرىدىغان بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىنغۇچە دېڭىز قورشاۋىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.








