تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىستانبۇلدىكى ئىسرائىلىيە كونسۇلخانىسى يېنىدا ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
تۈركىيە دائىرىلىرى بەشىكتاش رايونىدىكى ئىككى ساقچى خادىمى يارىلانغان قوراللىق توقۇنۇشتىن كېيىن كەڭ دائىرىلىك تەكشۈرۈش باشلىدى.
ئىستانبۇلدىكى ئىسرائىلىيە كونسۇلخانىسى يېنىدا ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىستانبۇلدىكى ئىسرائىلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا ئوق ئېتىش خەۋەرلىرىدىن كېيىن، نۇرغۇن ساقچى ئەترەتلىرى شۇ يەرگە ئەۋەتىلدى. / AA
7 سائەت بۇرۇن

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىستانبۇلنىڭ بەشىكتاش رايونىدىكى ئىسرائىلىيە كونسۇلخانىسى يېنىدا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشتا قوراللىق ئۈچ گۇماندارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، ئىككى ساقچى خادىمىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇستافا چىفتچى گۇماندارلارنىڭ «ياپى كىرەدى پىلازا» (Yapı Kredi Plaza) ئالدىدا ساقچىلارغا ئوق چىقارغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن سۈركىلىشتە ئۈچ ھۇجۇمچىنىڭ «بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى»نى ئېيتتى. يارىلانغان ساقچىلارنىڭ  يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ يېنىك ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك بولسا، مەزكۇر رايوندىن ئاڭلانغان ئوق ئاۋازى مەلۇماتلىرىدىن كېيىن، تەپتىشلەرنىڭ دەرھال تەكشۈرۈش باشلىغانلىقىنى، بىر باش تەپتىش ۋەكىلى بىلەن ئىككى تەپتىشنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئىستانبۇل ۋالىيسى داۋۇت گۈل كونسۇلخانىنىڭ پىلازا ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ۋە يېقىنقى ئىككى يېرىم يىلدىن بېرى تاقاق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

گۇماندارلارنىڭ كىملىكى ئېنىقلاندى، ئالاقە دائىرىسى تەكشۈرۈلمەكتە

دائىرىلەر گۇماندارلارنىڭ ئىجارىگە ئېلىنغان بىر ئاپتوموبىل بىلەن ئىزمىتتىن ئىستانبۇلغا كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. گۇماندارلارنىڭ بىرىنىڭ دىننى سۇيىئىستېمال قىلىدىغان بىر گۇرۇپپا بىلەن ئالاقىسى بارلىقى، يەنە بىرىنىڭ (گۇماندارلار ئارىسىدىكى ئىككى قېرىنداشنىڭ بىرى) ئىلگىرى زەھەرلىك چېكىملىك جىنايىتى  سادىر قىلىشتەك جىنايەت خاتىرىسى بارلىقى ئېنىقلاندى.

دائىرىلەر تەكشۈرۈشنىڭ خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى بىلەن ماس قەدەمدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ھۇجۇمنىڭ كۆلىمى ۋە ئېھتىماللىق بولغان سەۋەبلىرىنى ئاشكارىلاشقا ئەھمىيەت بېرىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان ناتو باش كاتىپىغا، ئىرانغا دائىر گېئوستراتېگىيەلىك تۇيۇق يول ئاگاھلاندۇرۇشىدا بولدى
سابىق باش مىنىستىر ئولمېرت غەربىي قىرغاقتا ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرى كۇۋەيتتىكى ھۆكۈمەت بىنالىرىغا چوڭ زىيانلارنى سالدى
ترامپ: «ئامېرىكا ئىراندا چۈشۈپ كەتكەن F-15  ئايروپىلانىنىڭ ئىككىنچى ئۇچقۇچىسىنىمۇ قۇتقۇزۇۋالدى»
ئىسرائىلىيە بېيرۇتقا ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى
تۈركىيە ناتو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 - يىللىقىنى تەبرىكلىدى ھەمدە ئىتتىپاق ئىچىدىكى رولىنى تەكىتلىدى
زېلېنسكىي جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلدى
بېنگالدىكى بىر چاقماق زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ئاز دېگەندە بەش كىشى قازا قىلدى
ئارتېمىس ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يەر شارىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۈرەتلىرىنى تارتتى
ئەردوغان پۇتىن بىلەن ئىران ئۇرۇشى ۋە قارا دېڭىز مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران ئامېرىكانىڭ «F-15E»  ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردىمۇ؟
ئافغانىستاندكى يەر تەۋرەش پاكىستاندىمۇ ھېس قىلىندى
ترامپ: ئامېرىكا ئارمىيەسى «ئىراندا قالغان نېمە بولسا تېخى يوقىتىشقا باشلىغىنى يوق»
ب د ت: ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئېنېرگىيە ۋە ئوغۇت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى ئاشلىق باھاسىنى ئۆستۈرمەكتە
ئىران ئامېرىكانىڭ F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردىمۇ؟