ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تېھراننىڭ تىنچلىق تەكلىپىگە بەرگەن جاۋابىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان» دەپ رەت قىلغاندىن كېيىن، 10 ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئامېرىكا-ئىران توقۇنۇشىغا خاتىمە بېرىش ۋە ھورمۇز بوغۇزى ئارقىلىق نېفىت توشۇشنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈمىدلىرى يوققا چىقتى.
ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ ۋاشىنگتون تەرىپىدىن تەييارلانغان تىنچلىق تەكلىپىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالماسلىقى ۋە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ زور دەرىجىدە تاقىلىپ قېلىشى تۈپەيلىدىن، يەر شارى ئېنېرگىيە تەمىناتىدىكى قىيىنچىلىق داۋاملاشماقتا. بۇ جەرياندا نېفىتنىڭ ھەربىر ۋارىل باھاسى 3 دوللار ئۆرلىدى.
«Brent» (برېنت) خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك سېتىلىش باھاسى جۈمە كۈنىدىكى %1.23 لىك ئۆرلەش يۈزلىنىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بىر ۋارىلى 3.18 دوللار (%3.14) ئۆرلەپ 104.47 دوللارغا چىقتى. ئامېرىكا غەربىي تېكساس ئوتتۇرا دەرىجىلىك (WTI) نېفىت باھاسى بولسا، ئالدىنقى كۈنىدىكى %0.64 لىك ئۆرلەشتىن كېيىن، بىر ۋارىلى 3.09 دوللار (%3.24) ئۆرلەپ 98.51 دوللارغا يەتتى.
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ چارشەنبە كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ بېرىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن باشقا مەسىلىلەر قاتارىدا ئىران مەسىلىسىنىمۇ مۇزاكىرە قىلىشى كۈتۈلمەكتە. «IG» سودا سۇپىسىنىڭ بازار ئانالىزچىسى تونىي سىكامور (Tony Sycamore) ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا: «بازارنىڭ دىققىتى ئەمدى پۈتۈنلەي پىرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ ھەپتە خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىگە بۇرۇلدى. ترامپنىڭ بېيجىڭنى ئىرانغا تەسىر كۆرسىتىپ، كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش توختىتىش ھاسىل قىلىشقا ۋە ھورمۇز بوغۇزىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا قايىل قىلالىشىغا بولغان ئۈمىدلەر زور» دېدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئارامكو شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئەمىن ناسىر يەكشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، دۇنيانىڭ ئۆتكەن ئىككى ئايدا تەخمىنەن 1 مىليارد ۋارىل نېفىت زىيان تارتقانلىقىنى، نېفىت ئېقىمى قايتىدىن باشلانغان تەقدىردىمۇ، ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ مۇقىملىشىشى ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.








.jpg?width=512&format=webp&quality=80)

