خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن قاتارلىق كەسپىيىدىشى تېھراندا رايونلۇق ئۆزگىرىشلەرنى مۇزارە قىلدى
قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تېھران زىيارىتىدە، رايوندىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ۋە ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگ ئۈچۈن مۇۋاپىق شارائىت يارىتىش مەسىلىلىرى مۇھىم نۇقتا سۈپىتىدە مۇزاكىرە قىلىندى.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن قاتارلىق كەسپىيىدىشى تېھراندا رايونلۇق ئۆزگىرىشلەرنى مۇزارە قىلدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى بىلەن قاتارلىق كەسپىيىدىشى تېھراندا رايونلۇق ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى بىلەن قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئالسانى تېھراندا بىر يەرگە جەم بولۇپ، رايونلۇق ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى IRNA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پايتەخت تېھراننى زىيارەت قىلىۋاتقان قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالسانى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا كەسپىيىدىشى ئابباس ئاراقچى تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى. قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئاراقچى بىلەن ئالسانى ئۆزئارا سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

 قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماجىد ئەلئەنسارى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالسانىنىڭ 27-ئاۋغۇستتىكى تېھران زىيارىتى جەريانىدا، رايوندىكى جىددىيچىلىكنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا دىيالوگ ئورنىتىشقا مۇۋاپىق شارائىت يارىتىش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئىسمائىل بەقائىمۇ مەزكۇر زىيارەتنىڭ ئىران بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە رايونلۇق تىنچلىق ھەم خەۋپسىزلىكنى كۈچەيتىش مەقسىتىدىكى مەسلىھەتلىشىشلەر دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا 17-ئىيۇن كۈنى ئىمزالانغان، ئەمما يولغا قويۇلمىغان كېلىشىم لايىھەسىنىڭ مۇرەسسەچىسى بولغان پاكىستاننىڭ باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ئاسىم مۇنىر، 24-ئاۋغۇست كۈنى تېھراننى زىيارەت قىلىپ، پىرېزىدېنت مەسئۇد پەزەشكىيان، پارلامېنت رەئىسى مۇھەممەد باقىر كالىباف ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئالىي كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى مۇھسىن رىزائى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى. ئىران ۋە پاكىستان دائىرىلىرى بۇ سۆھبەتلەرنىڭ ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا 28-فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش ئالدىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ مۇرەسسەچىسى ۋە ئىران بىلەن ھورمۇز بوغۇزى مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئوماننىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بەدر بىن ھەمەد ئەلبۇسەئىدىمۇ 25-ئاۋغۇست كۈنى تېھراننى زىيارەت قىلىپ، كەسپىيىدىشى ئابباس ئاراقچى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئىنسان كونتروللۇقىدىن چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە
شانلىئۇرفاغا قاراشلىق قاراخانتەپەدە 11 مىڭ يىللىق ھەيكەل تېپىلدى
ھىندىستاندا سوت مەھكىمىسى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتە ياغلىق ئارتىپ كىرىش تەلىپىنى رەت قىلدى
ئىران ئامېرىكنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
101 ياشلىق ئايال زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى
ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇمى %63 ئاشتى
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى