جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىسرائىلىيەنى «تېررورلۇق ۋە ئىشغالىيەتنى دۆلەت سىياسىتىگە ئايلاندۇرۇۋالغان بىر قىرغىنچىلىق شايكىسى» دەپ سۈپەتلىدى ھەمدە يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە بارلىق تەرەپلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ھاسىل قىلىنغان «مۇشەققەتلىك تىرىشچانلىقلار بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم» گە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، رايوندا تېخىمۇ سەزگۈر بىر مەزگىلنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ كىچىك بىر تىنچلىق ئېھتىماللىقىغىمۇ قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىگەن ئەردوغان: «ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ كىچىك بىر تىنچلىق ئېھتىماللىقىغىمۇ چىداپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلىمىز» دېدى.
رايوندىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا توختالغان ئەردوغان، ئىسرائىلىيە سىياسەتچىلىرىنىڭ يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە ئېلان قىلغان باياناتلىرىنىڭ، «قارشىمىزدا سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان بىر دۆلەت ئەمەس، بەلكى كونتروللۇقىنى يوقاتقان بىر تۈركۈم ئاشقۇنلارنىڭ بارلىقىنى» كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«ۋەزىيەت شۇنچە ئېغىر بولۇۋاتىدۇكى، ھەممەيلەن بىر-بىرىنى ئازراق ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئازراق قان تۆكۈش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.»
ئىسرائىلىيەدىكى بەزى گۇرۇھلارنىڭ رايوندا قوراللارنىڭ سۈكۈت قىلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ۋە قويۇق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار بىلەن ھاسىل قىلىنغان ئەڭ ئاخىرقى كېلىشىمگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان؛ ئىسرائىلىيەنى «تېررورلۇق ۋە ئىشغالىيەتنى دۆلەت سىياسىتىگە ئايلاندۇرۇۋالغان بىر قىرغىنچىلىق شايكىسى» دەپ سۈپەتلىدى ھەمدە يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە بارلىق تەرەپلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ھاسىل قىلىنغان «مۇشەققەتلىك تىرىشچانلىقلار بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم» نى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئەردوغان مەسئۇللارنىڭ نىشانىغا يەتكۈچە بۇ خىلدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىپ مۇنداق دېدى:
«رايونىمىزغا تىنچلىق كېلىدىغان بولسا ئىسرائىلىيەگە قارىماي كېلىدۇ. رايونىمىزدا خاتىرجەملىك بولىدىغان بولسا، بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكلىرىگە قارىماي بولىدۇ.
بۇ قىرغىنچىلىق شايكىسى نېمە قىلىشىدىن قەتئىينەزەر رايونىمىزدا تىنچلىق، ئادالەت، مۇقىملىق ۋە پاراۋانلىقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشىنى ھەرگىزمۇ توسۇپ قالالمايدۇ.»
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن ھەرقانداق پۇرسەتتىن پايدىلىنىش مەقسىتىدە دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تىنچلىق ئۈچۈن ئەڭ كىچىك بىر پۇرسەتنىمۇ قولدىن بەرمەسلىك نۇقتىسىدا زىمىمىزگە نېمە يۈكلەنسە شۇنى قىلىشتىن قەتئىي ئايانمايمىز. ئەنقەرە ئالدىمىزدىكى مەزگىلدىمۇ ئىراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىرىزىسنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان تىرىشچانلىقلارنى داۋاملىق قوللايدۇ.»
ئامېرىكا بىلەن ئىران 18-ئىيۇندا بىر كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالىغان بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ 28-فېۋرالدا ئىرانغا قارشى باشلىغان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىش مەقسىتىدە، پاكىستان ۋە قاتارنىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە يەكشەنبە كۈنى شىۋېيتسارىيەدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان ئىدى.
ئىسرائىلىيە ئامېرىكا-ئىران كېلىشىم لايىھەسىدە لىۋاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق فىرونتلاردا توقۇنۇشلارنى توختىتىش چاقىرىقى قىلىنغان بولۇشىغا قارىماي، لىۋانغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.



















