تەنتەربىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە كوماندىسى ۋالىبول مۇسابىقىسىدە گېرمانىيەنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى
تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى «مىللەتلەر بىرلەشمىسى» مۇسابىقىسىدە دەسلەپتە ئىككى مەيدان  ئارقىدا قالغان بولسىمۇ، قەتئىي ئىرادە كۆرسىتىپ ئاخىرىدا گېرمانىيەنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە نەتىجە بىلەن يەڭدى.
تۈركىيە كوماندىسى ۋالىبول مۇسابىقىسىدە گېرمانىيەنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى
2026-يىلى 20-ئىيۇن تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن، 2026-يىللىق FIVB دۇنيا ۋالىبول مىللەتلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى تۈركىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقە. / AA

تۈركىيە «A» دەرىجىلىك دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 2026-يىللىق خەلقئارا ۋالىبول بىرلەشمىسى («FIVB») تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ۋالىبول «مىللەتلەر بىرلەشمىسى» («VNL») نىڭ ئىككىنچى ھەپتىسىدىكى ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقىسىدە، گېرمانىيە كوماندىسى بىلەن بەيگىگە چۈشۈپ  2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلدى.

مۇسابىقىنى ئىنتايىن جۇشقۇن ۋە ياخشى باشلىغان گېرمانىيە كوماندىسى، تۈركىيەنىڭ توپ كىرگۈزۈش خاتالىقلىرىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، تۇنجى مەيداندا 12-8 نەتىجە بىلەن ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى. مەيدان تىزگىنىنى مەھكەم ئىگىلىۋالغان گېرمانىيە ئاياللار كوماندىسى بۇ مەيداندا 25-18 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلىپ، 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى.

ئىككىنچى مەيدان ئىككى كوماندا ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن نومۇر تالىشىش بىلەن باشلانغان بولسىمۇ، مەلىسسا ۋارگاسنىڭ ئالاھىدە ماھارەتلىرى تۈركىيەنى 6-3 نەتىجە بىلەن ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكۈزدى. دۆلەتلىك كوماندىمىز مۇستەھكەم توسۇشلىرى (بلوك) ۋە ئوتتۇرا رايون توپچىلىرىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرى ئارقىلىق، نومۇر پەرقىنى ئالتە نومۇرغا يەنى 14-8 گە چىقاردى.

بىراق، گېرمانىيە ماھىرلىرىدىن لىنا ئالسمېيېر، كامىللا ۋېيتزېل ۋە سېكۇلايېۋلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئالغان نومۇرلىرى كوماندىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئوڭشاپ، نومۇرنى 19-19 دە تەڭلەشتۈردى. ئىنتايىن كەسكىن رىقابەت ئىچىدە ئۆتكەن بۇ مەيداننىڭ ئاخىرقى بۆلىكىدە 26-24 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلغان گېرمانىيە، ئومۇمىي نەتىجىنى 0 گە قارشى 2 گە يەتكۈزدى.

تۈركىيە كوماندىسى ئۈچىنچى مەيداندا قەتئىي قارشىلىق كۆرسەتتى. ئىككى تەرەپ تەڭپۇڭ ھالەتتە باشلىغان بۇ مەيداننىڭ كېيىنكى قىسمىدا، ماھىر ئىلكىن ئايدىننىڭ ھالقىلىق نومۇرلارنى ئېلىشى بىلەن پەرقىنى ئاچقان دۆلەتلىك كوماندا، مەزكۇر مەيداندا 19 غا قارشى 25 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلىپ، ئومۇمىي نەتىجىنى 1 گە قارشى 2 گە ئۆزگەرتتى.

تۆتىنچى مەيدانمۇ شىددەتلىك رىقابەت ئىچىدە داۋاملاشتى. گېرمانىيە ماھىرى سېكۇلايېۋنىڭ نومۇر ئېلىشى بىلەن 14 كە قارشى 15 نومۇر بىلەن ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەن بولسىمۇ، تۈركىيە كوماندىسى رەقىبىنىڭ خاتالىقلىرىدىن چەبدەسلىك بىلەن پايدىلاندى. شۇنداقلا ۋارگاس ۋە ئىلكىن ئايدىننىڭ ماھارەتلىرى ئارقىلىق بۇ مەيداندا 22 گە قارشى 25 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلىپ، مۇسابىقىنى ئەڭ ھەل قىلغۇچ مەيدانغا سۆرەپ كىردى.

ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مەيداندا ئۈستۈنلۈكىنى ئىزچىل ساقلاپ قالغان تۈركىيە قىزلار كوماندىسى مەيدان 13 كە قارشى 15 نەتىجە بىلەن ئومۇمىي مۇسابىقىدىمۇ 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن ئاخىرقى غەلىبىنى قۇچۇپ، ئارقىدا تۇرۇپمۇ يېڭىپ چىقىشتەك قالتىس قەدەمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

بۇ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان نەتىجە بىلەن، تۈركىيە ئاياللار كوماندىسى «VNL» مۇسابىقە پەسلىدىكى بەشىنچى قېتىملىق غەلىبىسىگە يەتكەن بولسا، گېرمانىيە كوماندىسى ئۆزىنىڭ بەشىنچى قېتىملىق مەغلۇبىيىتىنى باشتىن كەچۈردى.

ئىزدىنىڭ
دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىن چاقىرىدۇ
مىنىستىر فىدان: تۈركىيە بولمىسا، ترامپ كەلمەيتتى
تەيۋەن پىرېزىدېنتى ئامېرىكانىڭ قورال سېتىش پىلانىنى تېزدىن تەستىقلىشىنى تەلەپ قىلدى
«ئاي-يۇلتۇزلۇق كوماندا» سان خوسېدا تۇنجى مەشىقىنى ئۆتكۈزدى
شېرىف: ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى «دەرھال» قايتا ئاچىدۇ، ئامېرىكا قامالنى «دەرھال» بىكار قىلىدۇ
ترامپ بىلەن پەزەشكىيان ئىمزا قويدى: ئامېرىكا-ئىران كېلىشىمى «رەسمىي ھاسىل قىلىندى»
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان قازاندا ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى
زېلېنسكىي ترامپ بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتقان پەيتلەردە، رۇسىيە كىيېۋغا ھۇجۇم قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باش ئەلچىلەرنىڭ ئىشەنچ خەتلىرىنى قوبۇل قىلدى
لوس ئانجېلېستا دۇنيا لوڭقىسى ھاياجانى: «Turkish Vibe Zone» زىيارەتچىلىرىنى كۈتمەكتە
ئەردوغان ئىسپانىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى خۇئېرتاسنى قوبۇل قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان فەنەر رىم پاترىكى بارتولومېئوسنى قوبۇل قىلدى
تۈركىيە كوماندىسى پۈتۈن دىققىتىنى پاراگۋاي كوماندىسىنى يېڭىشكە مەركەزلەشتۈردى
سۈنئىي ئەقىل ئالدامچىلىقى ئۆتكەن يىلى دۇنيا مىقياسىدا 442 مىليارد دوللار زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى
كونياغا ناتونىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ