ئىتالىيە «سەھىيە مىنىستىرلىقى» ھەپتە ئاخىرىدا نۇرغۇن شەھەرلەردە ئافرىقا مەنبەلىك ئىسسىق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئېغىر تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى؛ شۇنداقلا «بولونيا»، «بولزانو»، «برېشيا»، «فلورېنسىيە»، «مىلان»، «پېرۇجىيە»، «رىئېتى» ۋە «تورىنو» قاتارلىق 8 شەھەر ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرى خەتەر دەرىجىسى بولغان «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇشنى ئېلان قىلدى.
پايتەخت «رىم» ئۈچۈن بولسا، ئەتە ئىككىنچى يۇقىرى دەرىجىلىك خەتەر سىگنالى بولغان «سېرىق رەڭلىك» ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.
«سەھىيە مىنىستىرلىقى» ئۆزىنىڭ ئورگان تور بېكىتىدە كۈندىن قوغدىنىشقا قارىتىلغان بىر يۈرۈش تەدبىرلەر ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلارغا ئورۇن بېرىش بىلەن بىرگە، خەلقنى ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00 دىن كەچ سائەت 18:00 گىچە سىرتقا چىقماسلىققا چاقىردى.
بۇ جەرياندا، دۆلەتنىڭ شىمالىدا قاتتىق ئىسسىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان ھەمدە ئەتە ئۈچۈن «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلگەن شەھەرلەردىن بىرى بولغان «مىلان»دا، شەھەر مەركىزىدىكى «دۇئومو چوڭ چېركاۋى»نىڭ ئالدىدا ئايلىنىۋاتقان ساياھەتچىلەرنىڭ كۈندىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۈنلۈك ۋە كىچىك قول يەلپۈگۈچلىرىنى كۆتۈرۈۋالغانلىقى، شۇنداقلا سالقىنلاش مەقسىتىدە بۇلاقلارنىڭ ئالدىدا ئۆچىرەتتە تۇرغانلىقى كۆزگە چېلىقتى.




















