غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە فىلوتىغا قىلغان ھۇجۇمىنى «دېڭىز قاراقچىلىقى ھەرىكىتى» دەپ ئەيىبلىدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ ياردەم فىلوتىغا قىلغان ھۇجۇمىنىڭ ئىنسانىي قىممەت قاراشلارغا ۋە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئورتاق پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىردى.
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە فىلوتىغا قىلغان ھۇجۇمىنى «دېڭىز قاراقچىلىقى ھەرىكىتى» دەپ ئەيىبلىدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە فىلوتىغا قىلغان ھۇجۇمىنى «دېڭىز قاراقچىلىقى ھەرىكىتى» دەپ ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئىتالىيەدىن يولغا چىقىپ غەززەگە قاراپ كېتىۋاتقان ياردەم فىلوتىغا گىرېتسىيە ئوچۇق دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن قانۇنسىز رەۋىشتە ھۇجۇم قىلىنىشىنى «دېڭىز قاراقچىلىقى ھەرىكىتى»  دەپ سۈپەتلىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ئىسرائىلىيە غەززەدىكى مەزلۇملار دۇچ كېلىۋاتقان ئىنسانىي پاجىئەگە دىققەت تارتىشقا تىرىشىۋاتقان خەلقئارا سۇمۇد فىلوتىغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، ئىنسانىي قىممەت قاراشلارنى ۋە خەلقئارا قانۇننى نىشان قىلدى.

دەرۋەقە، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ تاجاۋۇزچىلىقى يەنە خەلقئارا سۇ تەۋەلىكىدىكى ئەركىن قاتناش ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ.

ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قانۇننى كۆزگە ئىلمىغان قىلمىشىغا قارشى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئورتاق پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىرىمىز.

فىلوتتىكى پۇقرالىرىمىزنىڭ ۋە باشقا يولۇچىلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە زۆرۈر بولغان بارلىق تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلمەكتە.»

ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان فىلوت تەرىپىدىن پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پاراخوتلارنىڭ موتورلىرىنى كاردىن چىقارغانلىقى ۋە يول باشلاش سىستېمىلىرىنى ۋەيران قىلغانلىقى، بۇ سەۋەبتىن يۈزلەرچە كىشىنىڭ قاپسىلىپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەلقئارا سۇمۇد فىلوتىنىڭ تەشكىللەش بۆلۈمى، گىرېتسىيەنىڭ كىرىت ئارىلىغا يېقىن خەلقئارا سۇ تەۋەلىكىدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى پاراخوتلىرىنىڭ غەززەگە ياردەم پاراخوت ئەترىتىنى قورشاۋ ئاستىغا ئالغانلىقىنى، ئالاقىنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە 11 پاراخوت بىلەن ئالاقىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

400 دىن ئارتۇق پۇقرا ئولتۇرغان فىلوت غەززەگە ئىنسانىي دېڭىز كارىدورى ئېچىشنى ۋە قورشاۋ ئاستىدىكى رايونغا ياردەم يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغان ئىدى. غەززە 2007-يىلىدىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋى ئاستىدا تۇرماقتا.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە قورشاۋىنى بۇزۇپ تاشلاشنى ۋە بۇ يەرگە ئىنسانىي ياردەم توشۇشنى مەقسەت قىلغان خەلقئارا سۇمۇد فىلوتىنىڭ «2026-يىللىق باھار ئەترىتى»، ئىتالىيەنىڭ سىسىلىيە ئارىلىدىكى ئەڭ ئاخىرقى تەييارلىقلىرىنى تاماملاپ، 26-ئاپرېل كۈنى ئاقدېڭىزغا قاراپ يولغا چىققان ئىدى.

2023-يىلى ئۆكتەبىردە باشلانغان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قوزغىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى رايوننىڭ ۋەزىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى؛ جۈملىدىن، كەم دېگەندە 72 مىڭ 600 پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا، 172 مىڭ 400 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ يارىلىنىشىغا ۋە پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ تەخمىنەن %90 ىگە تەسىر كۆرسەتكەن كەڭ كۆلەملىك ۋەيرانچىلىققا سەۋەب بولدى.

2025-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، ئىسرائىلىيە غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇردى ۋە قورشاۋ ئاستىدىكى رايونغا ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ كىرىشىنى چەكلىدى.

ئىزدىنىڭ
پولشا پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئامېرىكانىڭ 10 ئورگىنىغا  چەكلىمە قويدى
ئاۋسترالىيە كانادا بىلەن 1.8 مىليارد دوللارلىق كۆزىتىش رادارى سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئىران-ئامېرىكا سۆھبەتلىرىدە نېمە قارارلار قىلىندى؟
رۇسىيە: 60 قا يېقىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
فىلىپپىندىكى مەكتەپ ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، بىرنەچچە كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى سۆھبىتى تاماملاندى
ئىران: لىۋان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
شارا: سۈرىيەنىڭ ئۆتمۈشتە لىۋانغا قىلغان ھەربىي مۇداخىلە چۈشەنچىسىگە قايتىشىنى خالىمايمىز
قاھىرە يىغىنى باشلاندى
ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
تۈركىيە كوماندىسى ۋالىبول مۇسابىقىسىدە گېرمانىيەنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى
ئىران ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرى كېچىكتۈرۈلگەن سۆھبەتلەرنى باشلاش ئۈچۈن شىۋىيېتسارىيەگە يېتىپ كەلدى
«ئالزىمېر» كېسىلى خەۋپىگە ئالاقىدار تۇنجى يىپ ئۇچلىرى كۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن
ئىتالىيەنىڭ سەككىز شەھىرىدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى