تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن كەچتە مالاتيادا S-70 تىپلىق بىر تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغانلىقىنى ۋە ئايروپىلاندىكى تۆت ئەسكەرنىڭ قەھرىمانلارچە شېھىت بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تەۋسىيە
مىنىستىرلىق باياناتىدا بۇ قايغۇلۇق خەۋەرنى مۇنداق يەتكۈزدى: «S-70 تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلانىمىز مالاتيادا تېخى ئېنىقلانمىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قازاغا ئۇچراپ، ئايروپىلاندىكى تۆت قەھرىمان جەڭچىمىز شېھىت بولدى. ئۇلۇغ ئاللاھتىن شېھىتلىرىمىزگە رەھمەت ۋە مەغپىرەت تىلەيمىز. ئۇلارنىڭ ماتەمگە چۆمگەن ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا، تۈرك قوراللىق قىسىملىرىغا ۋە پۈتكۈل ئەزىز خەلقىمىزگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز، شۇنداقلا سەۋر-تاقەت تىلەيمىز.»




















