سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى: ئامېرىكا بىلەن خىتاي سۈنئىي ئەقىل خەۋپ-خەتەرلىرى بويىچە ھەمكارلىشىدۇ
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سكوت بېسسېنت (Scott Bessent) ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىلغە چېتىشلىق مەسىلىلەر بويىچە بىر-بىرىنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن بىۋاسىتە ئالاقە يولى قۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى: ئامېرىكا بىلەن خىتاي سۈنئىي ئەقىل خەۋپ-خەتەرلىرى بويىچە ھەمكارلىشىدۇ
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى بېسسېنت

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سكوت بېسسېنت سەيشەنبە (2026-يىلى 10-نويابىر) كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىلدىن كېلىپ چىقىدىغان خەۋپ-خەتەرلەرنى باشقۇرۇش مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى، ئەمما ئارىلىرىدىكى كۆز قاراش ئوخشىماسلىقلىرىغا سەل قارالماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سكوت بېسسېنت نىيۇ يوركتا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى كومىتېتىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش كەچلىك زىياپىتىدە سۆز قىلدى.

ئۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئورتاق خەۋپ-خەتەرلەرنى باشقۇرۇش ۋە سىستېمىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىلمەسلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، سۈنئىي ئەقىل بويىچە يېڭى سۆھبەت مۇساپىسىنى باشلىغانلىقلىرنى ئېيتتى.

ئۇ: «بۇنىڭدىن باشقا، ئىلغار مودېللار بازارغا سېلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنى باھالاش ۋە سىناق قىلىش جەريانىغا دائىر ئەڭ ياخشى ئۇسۇللارنى ئورتاقلىشىشنى، بۇ تېخنىكىنى تىزگىنلەشتە ئادەمنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئاساس بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى نىشان قىلىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسىسى ئۆز سۈنئىي ئەقىل مودېللىرىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە، يەنە بىر تەرەپنى دەرھال ئاگاھلاندۇرالايدىغان بىۋاسىتە ئالاقە يولى قۇرۇۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇ: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كۆز قاراش ئوخشىماسلىقلىرى مەسىلىسىدە ھېچقانداق خام خىيالغا بېرىلمەسلىكىمىز كېرەك. مەنپەئەتلىرىمىز ھەمىشە بىردەك چىقمايدۇ، شۇڭا ھەر بىر قىيىن مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيەمىزمۇ ھەمىشە ئوخشاش بولمايدۇ» دېدى.

سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى بىر تەرەپ قىلىش

بېسسېنت ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان سۈركىلىش مەنبەسى بولۇپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ: «ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا تەڭپۇڭسىزلىقى ئۇزۇندىن بۇيان سۈركىلىش مەنبەسى بولۇپ كەلدى. خىتاينىڭ قىلمىشلىرىغا كۆز يۇمغان ئىلگىرىكى سىياسىي قاتلامغا ئوخشىمايدىغىنى، پىرېزىدېنت ترامپ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قەتئىي قەدەملەرنى باستى. بۈگۈن ئاخشام شۇنى ئېنىق ۋە كېسىپ ئېيتىپ ئۆتەيكى، تېخىمۇ تەڭپۇڭ بىر مۇناسىۋەتكە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقاندا، بىزنىڭ مەقسىتىمىز مۇناسىۋەتنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاش ئەمەس، بەلكى خەۋپ-خەتەرلەرنى ئازايتىشتۇر» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

ئۇ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ تاشقى تەمىناتقا ئادەتتىن تاشقىرى تايىنىپ قالغانلىقىنى، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بولسا تاشقى ئېھتىياجغا بارغانسېرى تېخىمۇ بەك تايىنىپ تۇرۇپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «باشقىچە ئېيتقاندا، ئامېرىكا ئۆزى ئىستېمال قىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىشى كېرەك. خىتاي بولسا، ئۆزى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىدە ئىستېمال قىلىشى لازىم. بىرلىكتە تىرىشىش ئارقىلىق، ئارىمىزدىكى تەڭپۇڭسىزلىقلارنى مەڭگۈلۈك قىلىۋالماستىن، ھەر ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىنى تېخىمۇ كۈچەيتەلەيمىز.»

ئۇ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي قۇدرەتكە قايتىدىن ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ سودا شېرىكلىرىگە قارشى دۈشمەنلىك پوزىتسىيەسىدە بولغانلىقنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئون نەچچە يىل داۋاملاشقان تەڭپۇڭسىزلىقتىن كېيىن، بىز ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقى پايدىسى ئۈچۈن، ئۆزئارا باراۋەرلىك روھىنى قايتىدىن تىكلەۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ ئىككى دۆلەت رەھبىرى ئوتتۇرىسىدا مىيامىدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان تۆتىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى، كېلەر ھەپتە شېنجېندا ترامپقا ھەمراھ بولىدىغانلىقىنى ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشتا بىرگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئاخىرىدا: «پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن خىتاي شى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خىتاينىڭ تەڭپۇڭلۇق ۋە ئۆزئارا باراۋەرلىك ئاساسىدا ئىجابىي  مۇناسىۋەت ئورنىتىشى كېرەكلىكى مەسىلىسىدە بىردەك قاراشقا ئىگە» دېدى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيە: ياۋروپامۇ ئەبۇ زەبىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبىتىگە قاتنىشىدۇ
ترامپ: ئىرانغا قىلىنغان زەربە تارىخىمىزدىكى ئەڭ ئۇتۇقلۇق قەدەملەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە قالىدۇ
ئامستېردامدىكى «قىزىل سىزىق» نامايىشىغا 200 مىڭدىن كۆپ كىشى قاتناشتى
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سەنئاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 44 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى
تۈركىيە بىلەن ئىراق ئورتاق ئاخبارات باياناتى ئېلان قىلدى
پولشانىڭ كىراكۇۋ شەھىرىدە بىر ئاشقۇن ئوڭچىل قوراللىق ھۇجۇمچى ئالتە كىشىنى ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى قۇرۇش ۋەزىپىسى نېتانياھۇغا ئەمەس، گادى ئېيسېنكاتقا بېرىلدى
مەھمەت شىمشەك ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئىقتىسادى تەسىرى ئۈستىدە توختالدى
ئەردوغان تىرامپ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى مۇزاكىرىلەشتى
غەززەدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە، 12 سائەت ئىچىدە 70 مىڭ چېدىر سۇ ئاستىدا قالدى
ئامېرىكا ئىراقتىن ئىران بىلەن بولغان چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلدى
خاقان فىدان: خەلقئارالىق تۇتاشتۇرۇشچانلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۈركىيە تەشەببۇسىنىڭ ۋاقتى كەلدى
ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى ئىرانغا قارشى «تۆمۈر دەرۋازا» ۋەزىپە قىسمى قۇردى
خەلقئارا قانۇن بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى گىرەلىشىپ كەتكەن غەززە
«خەلقئارا تۈزۈمدىكى ئامېرىكا پارادوكسى» مۇزاكىرە قىلىندى