سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
جەنۇبىي كورېيە ۋە ئۇكرائىنا ئەسىر ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىدىن كېيىنكى مۇناسىۋەتلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
ئۇكرائىنانىڭ 2 نەپەر شىمالىي كورېيەلىك ئەسىرنى جەنۇبىي كورېيەگە تاپشۇرۇپ بېرىشىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى پارىژدا تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە كۆرۈشتى.
جەنۇبىي كورېيە ۋە ئۇكرائىنا ئەسىر ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىدىن كېيىنكى مۇناسىۋەتلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
جەنۇبىي كورېيە ۋە ئۇكرائىنا ئەسىر ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىدىن كېيىنكى مۇناسىۋەتلەرنى مۇزاكىرە قىلدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ ئۇكرائىنا تەرەپ تۇتقۇن قىلغان 2 نەپەر شىمالىي كورېيەلىك ئۇرۇش ئەسىرىنى جەنۇبىي كورېيەگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى پارىژدا تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە كۆرۈشتى.

جەنۇبىي كورېيە ۋە ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، كىيېۋ دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر 2 نەپەر شىمالىي كورېيەلىك ئۇرۇش ئەسىرىنى سېئۇلغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىشىنىڭ كېيىن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چو خيۇن بىلەن ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندىرىي سىبىخا، سەيشەنبە كۈنى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن يەتتە دۆلەت گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى مەزگىلىدە بىر يەرگە جەم بولدى.

بۇ ئۇچرىشىش، سېنتەبىر ئېيىدا كېلىپ چىققان كېلىشمەسلىكتىن بۇيان ئەمەلگە ئاشقان تۇنجى يۈزتۇرانە دىپلوماتىك ئۇچرىشىش ھېسابلىنىدۇ.

يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى مەنبە كۆرسىتىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، مىنىستىر چو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۆزئارا ھۆرمەت ۋە ئىشەنچ قىلىش بىلەن بىرگە، ئىككى تەرەپلىك كېلىشىملەرگە سادىق بولۇشنىڭ ئاساسلىق ئالدىنقى شەرت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە نۆۋەتتىكى مەسىلىلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چو خيۇننىڭ ئەسىرلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېلىشمەسلىك ھەققىدە توختالغانلىقى، سېئۇل دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە كەچۈرۈم سوراشنى ھەمدە كەلگۈسىدە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللارنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

چو جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش ۋە مەزكۇر دۆلەتنى قايتا قۇرۇپ چىقىشنى قوللاش يوللىرىنى داۋاملىق ئىزدەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«جانلىق ۋە ئەمەلىيەتچىل» شېرىكلىك

مىنىستىرلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندىرىي سىبىخا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن، بىرلىكتە دىپلوماتىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىردى.

سىبىخا ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇناسىۋەتلەرنى «تولۇق نورماللاشتۇرۇش» يولىدا تېخىمۇ كۆپ قەدەملەرنىڭ بېسىلىشى لازىملىقىنى، كىيېۋنىڭ سېئۇل بىلەن «جانلىق ۋە ئەمەلىيەتچىل» بىر شېرىكلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارزۇسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيەگە تەشەككۈر ئېيتقان سىبىخا، مىنىستىر چوئىنى ئۇكرائىناغا زىيارەتكە تەكلىپ قىلغانلىقىنى تەكرارلىدى.

مىنىستىرلار يەنە كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ سېنتەبىر ئېيىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا مەزكۇر ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى ئاشكارىلىشى بىلەن جىددىيلىشىپ كەتكەن ئىدى.

سېئۇل دائىرىلىرى بۇ باياناتتىن كېيىن، ئالدىنقى ئايدا ئۇكرائىنادىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەلگەن ۋە ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى مەزكۇر دۆلەتتىن چېكىندۈرگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيە: ياۋروپامۇ ئەبۇ زەبىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبىتىگە قاتنىشىدۇ
ترامپ: ئىرانغا قىلىنغان زەربە تارىخىمىزدىكى ئەڭ ئۇتۇقلۇق قەدەملەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە قالىدۇ
ئامستېردامدىكى «قىزىل سىزىق» نامايىشىغا 200 مىڭدىن كۆپ كىشى قاتناشتى
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سەنئاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 44 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى
تۈركىيە بىلەن ئىراق ئورتاق ئاخبارات باياناتى ئېلان قىلدى
پولشانىڭ كىراكۇۋ شەھىرىدە بىر ئاشقۇن ئوڭچىل قوراللىق ھۇجۇمچى ئالتە كىشىنى ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى قۇرۇش ۋەزىپىسى نېتانياھۇغا ئەمەس، گادى ئېيسېنكاتقا بېرىلدى
مەھمەت شىمشەك ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئىقتىسادى تەسىرى ئۈستىدە توختالدى
ئەردوغان تىرامپ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى مۇزاكىرىلەشتى
غەززەدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە، 12 سائەت ئىچىدە 70 مىڭ چېدىر سۇ ئاستىدا قالدى
ئامېرىكا ئىراقتىن ئىران بىلەن بولغان چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلدى
خاقان فىدان: خەلقئارالىق تۇتاشتۇرۇشچانلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۈركىيە تەشەببۇسىنىڭ ۋاقتى كەلدى
ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى ئىرانغا قارشى «تۆمۈر دەرۋازا» ۋەزىپە قىسمى قۇردى
خەلقئارا قانۇن بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى گىرەلىشىپ كەتكەن غەززە
«خەلقئارا تۈزۈمدىكى ئامېرىكا پارادوكسى» مۇزاكىرە قىلىندى