ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئومۇمىي چىقىمىنىڭ ئاز دېگەندە 50 مىليارد دوللار ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
ئىران قىلغان ھۇجۇملارنىڭ، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقىكى ئىستخبارات ئوبيېكتلىرى) ۋە ئۈسكۈنىلىرىگە مىلياردلىغان دوللارلىق زىيا سالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
NBC News قانىلىنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇماتقا ئىگە 4 ئەمەلدارنى مەنبە قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا، ئامېرىكا مەركىزىي ئىستخبارات ئىدارىسى (CIA) بىلەن باشقا ئىستخبارات بىرلىكلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ئىشلەتكەن بەزى بىنا ۋە ئۈسكۈنىلىرى زىيانغا ئۇچرىغان.
ھۇجۇملارنىڭ ئامېرىكانىڭ رايوندىكى ئىستخبارات مەركەزلىرىگە «ئوخشىشى كۆرۈلمىگەن» دەرىجىدە زىيان سالغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەمەلدارلار، بىنا ۋە ئۈسكۈنلەرنى ئوڭشاش ياكى يېڭىلاشنىڭ مىلياردلىغان دوللارغا توختايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
CNN نىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى، زىياننى باھالاش دوكلاتلىرى ۋە ئامېرىكا بىلەن پارىس قولتۇقى مەنبەلىرىنى ئاساس قىلغان خەۋىرىدە، 28-فېۋرالدىن بۇيان ئىراننىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئاز دېگەندە 16 بازىسىنىڭ ھەرخىل سەۋىيەلەردە زىيانغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
CBS News ۋە CNN مەنبەلىرى قاتارلىق نۇرغۇن ئامېرىكا تاراتقۇ ئورگانلىرىمۇ ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئومۇمىي خىراجىتىنىڭ ئاز دېگەندە 50 مىليارد دوللار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.


















