تۈرك دۇنياسى
1 مىنۇت ئوقۇش
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
قازاقىستان مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابدىروۋ تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئادالەت پارتىيەسىنىڭ %71.17 ئاۋاز بىلەن چوڭ پەرق بىلەن بىرىنچى بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى

مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابدىروۋ پايتەخت ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت بويىچە 12 مىليون 623 مىڭ 289 كىشىنىڭ بېلەت تاشلاش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، 9 مىڭ 865 بېلەت تاشلىغۇچىنىڭ چەت ئەللەردە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابدىروۋ سايلامغا 9 مىليون 351 مىڭ 539 كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دەسلەپكى قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ %74.08 بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. سايلامىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسىگە قارىغاندا، رقابەتلەشكەن يەتتە سىياسىي پارتىيە ئىچىدىن ئادالەت پارتىيەسى %71.17 ئاۋاز بىلەن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان. ئاۋىل پارتىيەسى %6.26 ئاۋاز بىلەن ئىككىنچى، رېسپۇبلىكا (Respublica) پارتىيەسى %5.56 ئاۋاز بىلەن ئۈچىنچى بولغان.

سايلامغا قاتناشقان يەتتە سىياسىي پارتىيەنىڭ بەشى قۇرۇلتايغا كىرىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.

ئاق يول دېموكراتىك پارتىيەسى %5.21، دۆلەتلىك ئىجتىمائىي دېموكراتلار پارتىيەسى (OSDP) %5.11، قازاقىستان خەلق پارتىيەسى %3.11، قازاقىستان يېشىللار پارتىيەسى «بايتاق» %1.07 ئاۋازغا ئېرىشكەن. «ھەممىسىگە قارشى» تاللىشىنى بەلگىلىگەنلەرنىڭ نىسبىتى %2.51 بولغان.

شۇنىڭ بىلەن، سايلامغا قاتناشقان پارتىيەلەر ئىچىدىن %5 لىك چەك سىزىقىدىن ئۆتكەن بەش پارتىيە قازاقىستاننىڭ بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي مەجلىسىگە كىرىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. ھازىرقى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت پارتىيەسى، ئاۋىل پارتىيەسى، رېسپۇبلىكا پارتىيەسى، ئاق يول دېموكراتىك پارتىيەسى ۋە دۆلەتلىك ئىجتىمائىي دېموكراتلار پارتىيەسى 145 ئورۇندۇقلۇق قۇرۇلتايدا ۋەكىللىك قىلىنىدۇ.

قازاقىستاندا تۈنۈگۈن بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاينىڭ تۇنجى ئەزالىرىنى بېكىتىش ئۈچۈن سايلام ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى سۆزلىگەندە نۇرغۇن دۆلەت ۋەكىللىرى زالدىن چىقىپ كەتتى
خاقان فىدان باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن CICA نىڭ 7-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا بىر مەكتەپنىڭ ئۆگزىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى: 28 كىشى قازا قىلدى
ترامپ: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش پات يېقىندا ئاخىرلىشىدۇ
CNN: ئامېرىكا ئىرانغا قارشى GBU-43/B بومبىسىنى ئىشلىتىشنى ئويلاشماقتا
ئۇ ھ ئا ھۇجۇمىدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ رىيازان رايونىدىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ب د ت: ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرى داۋاملاشماقتا
خاقان فىدان ئاسىيا بىخەتەرلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن باكۇغا يېتىپ باردى
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
شىمالىي كورېيە ئىككى خىل ئىستراتېگىيەلىك قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
غەربىي قىرغاقتا ئاشقۇن ئىسرائىلىيەلىكلەر TRT نىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىغا توسالغۇ بولدى
تەيۋەن: خىتايدىكى ئۆپكە ۋاباسى كېسەللىكىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى كۆزىتىمىز
زېلېنسكىي: پۇتىن ترامپقا «ھۆرمەتسىزلىك» قىلدى
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
ناتو باش كاتىپى: ناتو زۆرۈر تېپىلغاندا رۇسىيەنىڭ ئارىلاشما ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ