سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا يادرو ئىختىلاپىدىن كېيىن، جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئىستىخبارات ئالماشتۇرۇشقا چەكلىمە قويدى
جەنۇبىي كورېيەلىك بىر ئەمەلدار، ۋاشىنگتوننىڭ مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ شىمالىي كورېيەنىڭ تېخنولوگىيە ئىقتىدارىغا چېتىشلىق بەزى ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىشكە چەكلىمە قويغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا يادرو ئىختىلاپىدىن كېيىن، جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئىستىخبارات ئالماشتۇرۇشقا چەكلىمە قويدى
ئامېرىكا يادرو ئىختىلاپىدىن كېيىن، جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئىستىخبارات ئالماشتۇرۇشقا چەكلىمە قويدى / AA

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئارمىيە دائىرىلىرىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە دائىر ئۇچۇرلارنىڭ جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىنىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېلىپ چىققان بىر ئىختىلاپتىن كېيىن، جەنۇبىي كورېيە بىلەن سەزگۈر سۈنئىي ھەمراھ ئىستىخباراتلىرىنى ئورتاقلىشىشنى قىسمەن چەكلىگەن.

يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدار بەرگەن باياناتىدا، ۋاشىنگتوننىڭ مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا شىمالىي كورېيەنىڭ تېخنولوگىيە ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىشنى چەكلىگەنلىكىنى، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ كۆپىنچە يادرو پىروگراممىسىنىڭ بەزى تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئارمىيە ئەمەلدارى: «ئامېرىكا تەرەپنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ سۈنئىي ھەمراھلار ئارقىلىق توپلانغان شىمالىي كورېيە ئىستىخباراتلىرىنىڭ بەزى قىسىملىرىنى ئورتاقلىشىشنى چەكلىگەنلىكى راست. (ئورتاقلىشىش چەكلەنگەن ئىستىخبارات) شىمالىي كورېيەنىڭ بەزى تېخنولوگىيە  ئۇنسۇرلىرىغا ئائىت ئۇچۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دېدى.

مەزكۇر ئەمەلدار چەكلەنگەن ئۇچۇرلارغا دائىر تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.

بۇ قەدەم جەنۇبىي كورېيە بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشلىرى مىنىستىرى چۇڭ دۇڭيۇڭنىڭ ئالدىنقى ئايدا پارلامېنت يىغىنىدا كۇسوڭ رايونىنى ئۇران قويۇلدۇرۇش ئەسلىھەسى بار جاي دەپ تەرىپلىشىدىن كېيىن تاشلانغان.

چەكلىمىلەرگە قارىماي، دائىرىلەر ئىتتىپاقداشلار ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسلىق ئىستىخبارات ھەمكارلىقىنىڭ يەنىلا مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشى ۋە ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالقىلىق خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىدىكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئۈزۈلۈپ قالماي داۋاملاشماقتا، بۇ سېئۇلنىڭ مۇداپىئە تەييارلىقىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

چۇڭنىڭ بۇ باياناتى سەزگۈر ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا تىلغا ئېلىنىشىنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان بىر مىسالى بولۇپ قالدى؛ بۇ ئەھۋال، ئۇچۇرلارنىڭ ئامېرىكادىكى ئورتاق مەنبەلەردىن كەلگەنلىكىگە ئىشىنىدىغان ۋاشىنگتوندا ئەندىشە قوزغىدى.

جەنۇبىي كورېيە بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مەزكۇر باياناتلارنىڭ ئوچۇق مەنبەلەرگە ئاساسلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

چۇڭ تالاش - تارتىشتىن كېيىن، ئۆزىنىڭ سۆزلىرىنىڭ مەخپىي ماتېرىياللارنى ئاشكارىلاشنى ئەمەس، بەلكى پيوڭياڭغا قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتلەرگە ئىزاھات بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چۇڭ پارلامېنت ئەزالىرىغا شىمالىي كورېيەنىڭ ئىلگىرى يوڭبيون ۋە كاڭسوندا بارلىقى خەۋەر قىلىنغان ئەسلىھەلەردىن باشقا، يەنە غەربىي شىمالدىكى كۇسوڭ رايونىدىمۇ بىر ئۇران قويۇلدۇرۇش مۇئەسسەسەسىنى باشقۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئىران: ھورمۇز بوغۇزى ئۇرۇش توختىتىش مەزگىلىدە بارلىق سودا پاراخوتلىرىغا ئېچىۋېتىلىدۇ
ئەردوغان: ئىرانغا قىلىنغان قانۇنسىز ھۇجۇملار رايوندىكى بىخەتەرلىك خەۋپىنى ئاشۇردى
فىدان مىسىر، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى
سۈرىيە ئىسرائىلىيەنىڭ 1974-يىلقى چېگرا لىنىيەلىرىگە چېكىنىش چاقىرىقىدا بولدى
«ياۋروپا تېخىمۇ يۇقىرى پۇل پاخاللىقى ۋە ئاستا ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا قاراپ يۈزلىنىشى مۇمكىن»
ئەرەب ئەللىرى ئىسرائىلىيە-لىۋان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
فىدان ئانتاليادا شاھباز شەرىف بىلەن ئامېرىكا-ئىران تىنچلىق سۆھبىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى
سۈرىيە قىسىملىرى ئامېرىكا چېكىنگەندىن كېيىن ھەسەكەدىكى قاسراق ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا كىردى
خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى: ياۋروپانىڭ رېئاكتىپ ئايروپىلان يېقىلغۇسى 6 ھەپتىلا يېتىشى مۇمكىن
ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى» مودېلىغا قايتىش يوللىنى تاللىدى؟
ئىسرائىلىيە زاھرانى دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا ياشايدىغان لىۋانلىقلارنىڭ رايوننى بوشىتىشىنى تەلەپ قىلدى
خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى باشلىقى: ئىران دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە «جەزمەن» قاتنىشىدۇ
پېنتاگوننىڭ كۇباغا قىلىنغۇسى ھەربىي ھەرىكەت پىلانىنى «تېزلەتكەن»لىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
قۇرتۇلمۇش ئىسرائىلىيەنىڭ ب د ت دىكى ئەزالىقىنى توختىتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى
8-نۆۋەتلىك «TRT Humanitarian» فىلىم فېستىۋالىغا ئىلتىماس سۇنۇش باشلاندى