8-نۆۋەتلىك «TRT Humanitarian» فىلىم فېستىۋالىغا ئىلتىماس سۇنۇش باشلاندى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
8-نۆۋەتلىك «TRT Humanitarian» فىلىم فېستىۋالىغا ئىلتىماس سۇنۇش باشلاندىتۈركىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى «TRT Humanitarian» فىلىم فېستىۋالى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىنو ئىشلىگۈچىلەرنى كىنو ئارقىلىق ئىنسان ھېكايىلىرىنى ۋە دۇنيادىكى ئىنسانىي مەسىلىلەرنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تەكلىپ قىلماقتا.
8-نۆۋەتلىك «TRT Humanitarian» فىلىم فېستىۋالىغا ئىلتىماس سۇنۇش باشلاندى / TRT World

تۈركىيە رادىيو-تېلېزىيە ئىدارىسى- ت ر ت (TRT) نىڭ باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «TRT Humanitarian» فىلىم فېستىۋالىغا ئىلتىماس سۇنۇشنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

سوباجى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئىنسانىيەتنىڭ ھەقىقىي مەسىلىلىرىنى كىنو ئارقىلىق كۆرسىتىپ بېرىدىغان» فېستىۋالغا تىزىملىتىشنىڭ ئاخىرقى مۇددىتىنىڭ 2026-يىلى 15-ئىيۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ دۆلەتلىك رادىيو-تېلېزىيە ئىدارىسى  TRT تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ فېستىۋال، كىنونىڭ كۈچى ئارقىلىق جىددىي ئىنسانىي مەسىلىلەرنى تەكىتلەشنى ۋە كىشىلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئورتاقلىشىشىنى مەقسەت قىلىدۇ.

ئالدىنقى يىللاردا، ئىجتىمائىي ئاڭنى ئويغىتىدىغان ھېكايىلەرنى بايان قىلىشقا ھەمدە توقۇنۇش، كۆچمەنلىك، ئادالەتسىزلىك ۋە ئىنسانلارنىڭ سەۋر - تاقىتىگە ئائىت ھۆججەتلىك فىلىملەر مەزمۇن قىلىنغان بۇ فېستىۋال، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىنو ئىشلىگۈچىلەرنى جەلپ قىلىدىغان خەلقئارالىق بىر سەھنىگە ئايلاندى.

بۇ يىللىق پائالىيەتنىڭمۇ مۇشۇ يۆنىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، دۇنيادىكى تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشى ھەمدە ئىنسانىي تېمىلارغا ۋە تەسىرلىك كۆرۈنۈشلۈك ھېكايىلەرگە بەرگەن ئەھمىيىتىنى ساقلاپ قېلىشى كۈتۈلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: «تۈركىيە دۇنيادا ئوخشىشى ئاز ئۇچرايدىغان بىر مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسىنى يازماقتا»
ئىران ئامېرىكانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي كىيېۋدىكى دىپلوماتلىرىنى چېكىندۈرمەيدۇ
بىشكەكتە 10-نۆۋەتلىك تۈركىيە-قىرغىزىستان تۈرك كىنو كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ
رۇسىيە چەتئەللىكلەرگە ۋە دىپلوماتلارغا كىيېۋدىن ئايرىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلدى
شۋېتسىيە تاماكا چېكىش نىسبىتىنىڭ %5 نىڭ ئاستىغا چۈشۈشى بىلەن تاماكا چېكىلمەيدىغان دۆلەتكە ئايلاندى
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ھېرزوگ ئىسرائىلىيە جەمئىيىتىنى «ۋەھشىي/يىرتقۇچ» دەپ سۈپەتلىدى
تەخمىنەن 2 مىليون مۇسۇلمان ھەج ئۈچۈن مىناغا يۈزلەندى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى "25-ماي ئافرىقا كۈنى" ھەققىدە بايانت ئېلان قىلدى
زېلېنسكىي تۈنۈگۈن رۇسىيە ھاۋا ھۇجۇمى قىلغان كىيېۋ ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
ئەنگلىيە مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئايروپىلانى رۇسىيە چېگراسىغا يېقىن جايدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى
فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا مۇزاكىرىلىرىدە ياۋروپاغا ۋەكىللىك قىلىشقا تەييار
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئافرىقا كۈنى ۋە ئافرىقا بىرلىكىنىڭ قۇرۇلغانلىق خاتىرە يىلىنى تەبركلىدى
مالايسىيا غەززە كېمە ئەترىتى ئاكتىپىستلىرى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە قارشى خەلقئارا سوتقا ئەر سۇنىدۇ