چىلىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى مىشېل باچېلېت سەككىز نامزات ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق غەيرىي رەسمىي بېلەت تاشلاشتا ئارقىدىن سانىغاندا ئىككىنچى ئورۇندا قالغاندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
چىلىنىڭ تۇنجى ئايال پرېزىدېنتى بولغان باچېلېت شەنبە كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ھەمبەھىرلىگەن سىنىدا: «بۈگۈن ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىنىش قارارى ئالغانلىقىمنى ئېلان قىلدىم» دېدى.
باچېلېت: «بەزىلەر مېنىڭ نامزاتلىقىم ئۈچۈن توغرا بىر ۋاقىت ئەمەس دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئەمما شۇنداق چوڭ بىر رىقابەتكە قاتناشقانلىقىمدىن پۇشايمان قىلمايمەن» دېدى.
كېيىنكى ب د ت باش كاتىپىنى بېكىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان غەيرىي رەسمىي مۇساپە دائىرىسىدە ھازىرغىچە ئۈچ قېتىم بېلەت تاشلاندى. 15 ئەزالىق ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، كوستارىكانىڭ سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنتى رېبېكا گرىنسپاننى ئىككى قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا بىرىنچى ئورۇنغا قويدى.
گايانانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كارولىن رودرىگېس-بىركېت بولسا، ئۈچىنچى قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا بىرىنچى ئورۇندىن يەر ئالدى.
قوللاشتىن قۇرۇق قالدى
باچېلېتنىڭ نامزاتلىقى ئۆتكەن فېۋرال ئېيىدا شۇ مەزگىلدىكى چىلى پرېزىدېنتى گابرىيېل بېرىك ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مېكسىكا بىلەن بىرازىلىيەنىڭ سولچىل رەھبەرلىرىمۇ ئۇنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن ئىدى.
ئەمما 74 ياشلىق باچېلېتنىڭ نامزاتلىقى، چىلىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى، ئاشقۇن ئوڭچىل جوسې ئانتونىيو كاستنىڭ قوللاشتىن ۋاز كېچىشىنىڭ ئارقىسىدىن كۈچىنى يوقاتتى.
ھەر قېتىم ئىجرا قىلىنمىسىمۇ، ئادەتتىكى قائىدىلەرگە ئاساسەن ب د ت باش كاتىپلىقى جۇغراپىيەلىك رايونلار ئارا نۆۋەتلىشىپ ئالماشتۇرۇلىدۇ. بۇ قېتىم نۆۋەتنىڭ لاتىن ئامېرىكىغا كەلگەنلىكى باھالانماقتا.
باچېلېتنىڭ نامزاتلىقتىن چېكىنىشى بىلەن بىرلىكتە، نۆۋەتتىكى ب د ت باش كاتىپى بولغان 77 ياشلىق پورتۇگالىيەلىك ئانتونىيو گۇتېررېسنىڭ ئورنىغا كېلىش ئۈچۈن رىقابەتلىشىۋاتقان نامزاتلارنىڭ سانى تۆت ئايال ۋە ئۈچ ئەر بولۇپ جەمئىي يەتتىگە چۈشتى. گۇتېررېس، ئىككىنچى بەش يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى 31-دېكابىردا تاماملايدۇ.




















