سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ شىراز شەھىرىدىكى نېفىت خىمىيە زاۋۇتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە پارتلاتقۇچ ماددا ئىشلەپچىقىرىشىغا توسالغۇ بولۇش مەقسىتىدە، شىرازدكى بىر ئازوت كىسلاتاسى زاۋۇتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ شىراز شەھىرىدىكى نېفىت خىمىيە زاۋۇتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ شىراز شەھىرىدىكى نېفىت خىمىيە زاۋۇتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى / AA
7 سائەت بۇرۇن

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى شىراز شەھىرىگە جايلاشقان بىر نېفىت خىمىيە زاۋۇتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ؛ بۇ يەرنى پارتلاتقۇچلار ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردا ئىشلىتىلىدىغان ماددىلار ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ھالقىلىق بىر ئەسلىھە دەپ تەسۋىرلىدى.

ئارمىيەنىڭ باياناتىدا، دۈشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ھۇجۇمنىڭ پارتلاتقۇچ ئىشلەپچىقىرىش ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاپچاسلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان «ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ماتېرىيال» دەپ ئاتالغان ئازوت كىسلاتاسى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر زاۋۇتنى نىشان قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى. ئارمىيە تەرەپ ماشھۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ تىپتىكى ئازوت كىسلاتاسى زاۋۇتلىرىغا قىلىنغان ئىلگىرىكى ھۇجۇملاردىن كېيىن، بۇ ساھەنىڭ ئىراندا بۇ خىل ماتېرىياللارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى زاۋۇتلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئارمىيە بۇ ھەرىكەتنىڭ ئىراننىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى، خۇسۇسەن بۇ ئەسلىھەدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ماتېرىياللارغا تايىنىدىغان قورال - ياراغ پىروگراممىلىرىنى «تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇشنى» نىشان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

4-ئاپرېل كۈنى ماشھۇر نېفىت خىمىيە رايونىغا ۋە خۇزىستان ئۆلكىسىدىكى مۇھىم ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىستانسىلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملار 50 تىن ئارتۇق ئەسلىھەنىڭ توك، تەبىئىي گاز ۋە سۈيىنى ئۈزۈپ قويغان ئىدى. 6-ئاپرېل كۈنى يۈز بەرگەن يەنە بىر ھۇجۇمدا بولسا، ئىراننىڭ ئېنېرگىيە مەركىزى ئەسەلۇيەدىكى جەنۇبىي پارس  نېفىت خىمىيە زاۋۇتى نىشان قىلىندى.

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسرائىل كاتز، ھۇجۇملارنىڭ ئىراننىڭ نېفىت خىمىيە ئېكسپورت ئىقتىدارىنىڭ تەخمىنەن %85 ىنى تەشكىل قىلىدىغان ھالقىلىق ئەسلىھەلەرنى زەربىگە ئۇچراتقانلىقىنى ۋە بۇ ساھەلەرنىڭ «ئەمدى كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى» ئېيتتى.

ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ 28-فېۋرال كۈنى ئىرانغا قوزغىغان ئورتاق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، رايونلۇق جىددىيچىلىك كەڭ كۆلەملىك بىر ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كەتتى. ھازىرغىچە بالىلار ۋە ئىراننىڭ شۇ مەزگىلدىكى دىنىي رەھبىرى ئەلى خامەنېينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 1340 تىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئىران بولسا ئىسرائىلىيە، ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى نىشان قىلغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن قايتۇرما زەربە بېرىپ، جانغا زامىن بولۇش ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ۋەيران بولۇشىغا سەۋەب بولدى؛ شۇنداقلا دۇنياۋى پۇل-مۇئامىلە بازارلىرى ۋە پۇقرالار ئاۋىئاتسىيەسىگە تەسىر كۆرسەتتى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان ناتو باش كاتىپىغا، ئىرانغا دائىر گېئوستراتېگىيەلىك تۇيۇق يول ئاگاھلاندۇرۇشىدا بولدى
سابىق باش مىنىستىر ئولمېرت غەربىي قىرغاقتا ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرى كۇۋەيتتىكى ھۆكۈمەت بىنالىرىغا چوڭ زىيانلارنى سالدى
ترامپ: «ئامېرىكا ئىراندا چۈشۈپ كەتكەن F-15  ئايروپىلانىنىڭ ئىككىنچى ئۇچقۇچىسىنىمۇ قۇتقۇزۇۋالدى»
ئىسرائىلىيە بېيرۇتقا ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى
تۈركىيە ناتو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 - يىللىقىنى تەبرىكلىدى ھەمدە ئىتتىپاق ئىچىدىكى رولىنى تەكىتلىدى
زېلېنسكىي جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلدى
بېنگالدىكى بىر چاقماق زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ئاز دېگەندە بەش كىشى قازا قىلدى
ئارتېمىس ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يەر شارىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۈرەتلىرىنى تارتتى
ئەردوغان پۇتىن بىلەن ئىران ئۇرۇشى ۋە قارا دېڭىز مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران ئامېرىكانىڭ «F-15E»  ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردىمۇ؟
ئافغانىستاندكى يەر تەۋرەش پاكىستاندىمۇ ھېس قىلىندى
ترامپ: ئامېرىكا ئارمىيەسى «ئىراندا قالغان نېمە بولسا تېخى يوقىتىشقا باشلىغىنى يوق»
ب د ت: ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئېنېرگىيە ۋە ئوغۇت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى ئاشلىق باھاسىنى ئۆستۈرمەكتە
ئىران ئامېرىكانىڭ F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردىمۇ؟