«Kathimerini» گېزىتىنىڭ «قاھىرە-ئەنقەرە يېقىنچىلىقىدىن تۇغۇلغان ئەندىشە – ئاتىنانىڭ پوزىتسىيەسى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مىسىرنىڭ قاھىرەدە سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان، تۈركىيە ۋە مىسىر ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۆت تەرەپ سۆھبىتىدىن ئاتىنانى خەۋەردار قىلمىغانلىقى بايان قىلىندى.
گىرېتسىيەنىڭ لىۋىيە مەسىلىسىگە كۆپرەك قىزىقىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن خەۋەردە، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم قالىننىڭ تۈنۈگۈن بىنغازىغا قىلغان زىيارىتى تىلغا ئېلىنىپ، تۈركىيەنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە لىۋىيەنىڭ شەرقىدە تەسىرى كۈچلۈك بولغان ھەفتەر ئائىلىسى بىلەن يېقىنلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
لىۋىيە مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان قاھىرەدىكى تۆت تەرەپ سۆھبىتى توغرىسىدا ئاتىناغا مەلۇمات بېرىلمىگەندىن باشقا، ئۆتكەن 12 ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەر سەۋەبىدىن ئاتىنا بىلەن قاھىرە ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچنىڭ بۇزۇلغانلىقىمۇ قەيت قىلىندى.
يەنە بىر تەرەپتىن، مىسىرنىڭ تۈركىيە بىلەن يېقىنلىشىش مۇساپىسىدە ئىسرائىلىيە ئامىلىنىڭمۇ تەسىرى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خەۋەردە، بۈگۈنلەردە كونيادا مىسىر بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى:
«لېكىن ھەربىي مانېۋىرلار كەم دېگەندە تۈركىيە-مىسىر دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىدىكى يېقىنلىشىشقا ئوخشاش ئەندىشە قىلارلىق دەپ قارالمايدۇ.»
مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە 21-ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەدىر ئابدۇلئاتى، سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فەيسال بىن فەرھان ۋە پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد ئىسھاق دار بىر يەرگە جەم بولغان ئىدى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈركىيە-مىسىر-پاكىستان-سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ تۆتىنچى قېتىملىق يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن يېتىپ بارغان قاھىرەدە ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا بەرگەن باياناتىدا، قاھىرەدە قويۇق ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇچرىشىشلاردا تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر ۋە ئامېرىكانىڭ لىۋىيە مەسىلىسىدە مۇھىم بىر سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى قەيت قىلغان ئىدى.



















