ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ كانادانىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە دېھقانلىرىغا ئادىل سودا ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كانادادا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئاممىۋى خېرىدارلىق چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىكى يازمىسىدا، ئامېرىكا سۈت ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ كانادا بازىرىغا مال سېتىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى، ئەمما بۇرۇنقى پىرېزىدېنتلار مەزگىلىدىكى سودا كېلىشىملىرى سەۋەبىدىن كانادانىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملاشتۇرالاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
كانادانىڭ نەچچە يىللاردىن بېرى ئامېرىكانى «زىيانغا ئۇچرىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى» ئىلگىرى سۈرگەن ترامپ، كانادا ھۆكۈمىتى ۋە ئىشتاتلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ كىچىك تىپتىكى كارخانىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاممىۋى خېرىدارلىق چاقىرىش تۈرلىرىگە كىرىشىنى چەكلىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ترامپ ئامېرىكانىڭ بولسا كاناداغا بۇ جەھەتتە ئىمكانىيەت بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بۇ ئۆزئارا باراۋەرلىك ئەمەس، بەلكى كاناداغا خاس بولغان بىر سودا ئالدامچىلىقىدۇر. بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزئارا باراۋەرلىك بولمايدىكەن، ئىمكانىيەتمۇ بولمايدۇ» دېدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئامېرىكا دېھقانلىرى ۋە شىركەتلىرى ئۈچۈن تولۇق ۋە ئادىل بولغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلغانغا قەدەر، كانادادا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا ئومۇمىي مۇلازىمەت ئىدارىسىنىڭ (GSA) خېرىدار چاقىرىش جەدۋەللىرىدىن چىقىرىۋېتىلىشى ئۈچۈن GSA غا ۋە ئامېرىكا سودا ۋەكىللىكىگە (USTR) يوليورۇق بەرگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.
مەزكۇر خېرىدار چاقىرىش پىروگراممىلىرىنىڭ يىلىغا 50 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق كۆلەمگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ترامپ، بۇ ئىمكانىيەتنىڭ نەچچە يىللار بۇرۇنلا ئۈزۈپ تاشلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.















