قىرغىزىستاننىڭ ساھىبخانلىقىدا «كۈچتە بىرلىك، روھتا بىرلىك» شۇئارى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 1-سېنتەبىردىن 6-سېنتەبىرگىچە داۋاملاشتى. 42 خىل ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىگە 109 دۆلەتتىن 3 مىڭغا يېقىن تەنھەرىكەتچى قاتناشتى.
رەسمىي مېدال تىزىملىكىگە ئاساسلانغاندا، قىرغىزىستان 30 ئالتۇن، 29 كۈمۈش ۋە 13 مىس بولۇپ، جەمئىي 72 مېدال بىلەن بىرىنچى بولغان. قازاقىستان جەمئىي 64 مېدال بىلەن ئىككىنچى، رۇسىيە بولسا 34 مېدال بىلەن ئۈچىنچى بولغان. مۇسابىقىدە جەمئىي 29 دۆلەتنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى مېدال قولغا كەلتۈرگەن.



















