خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ئاقساراي بولسا ئامېرىكالىق ۋە روسىيەلىك ئەمەلدارلارنىڭ كېلەر ھەپتىلەردە ئېلان قىلىنىدىغان كېيىنكى باسقۇچتىكى قەدەملەرگە مۇناسىۋەتلىك كونكرېت پىلانلارنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى» / AP

روسىيە دۆلەت رەئىسى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر ستېۋ ۋىتكوف ۋە جارەد كۇشنېر ئوتتۇرىسىدا ئۇكرائىنا ئىختىلاپىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئاخىرلاشتى. كرېمىل ئۈچ سائەت داۋاملاشقان بۇ سۆھبەتنى «ئىنتايىن سەمىمىي ۋە ئوچۇق» دەپ باھالىدى، ئاقسارايمۇ كەلگۈسى ھەپتىلەردە كونكرېت قەدەملەرنىڭ ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

بىر ئاقساراي ئەمەلدارى ئامېرىكالىق ۋە روسىيەلىك ئەمەلدارلارنىڭ كەلگۈسى ھەپتىلەردە رەسمىي ئېلان قىلىنىدىغان سۆھبەتلەردىكى كېيىنكى باسقۇچلارغا مۇناسىۋەتلىك كونكرېت پىلانلارنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاقساراي ۋىتكوف ۋە كۇشنېرنىڭ پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق ئورنىتىش كۈنتەرتىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۇكرائىنادا شۇنىڭغا ئوخشاش ئۈنۈملۈك سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقى «رىئا» قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان روسىيە ئاخبارات ئورگانلىرى ۋىتكوف ۋە كۇشنېرنىڭ سۆھبەتلەردىن كېيىن كرېمىلدىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

كرېمىل تاشقى سىياسەت مەسلىھەتچىسى يۇرى ئۇشاكوف ژۇرنالىستلارغا: «ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بۇ ساەياھەت ئۈچۈن ئەتراپلىق تەييارلىق قىلغان ئىدى. ئۇلار پەقەتلا توقۇنۇشلارنى تېز سۈرەتتە ئاخىرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئەنئەنىۋى قىزىقىشىنى ئىپادىلەپلا قالماستىن، بەلكى بىر چارە تېپىشقا ئېلىپ بارىدىغان مۇمكىن بولغان يوللارغا دائىر بىر قاتار پىكىرلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى» دەپ بايانات بەردى.

ئۇشاكوف بۇ مۇزاكىرىنى «قۇرۇلما خاراكتېرلىك، ئىنتايىن ئوچۇق ۋە ئىشەنچكە تايانغان» دەپ باھالىدى.  روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «بەلگىلەنگەن نىشانلارغا يېتىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىگەنلىكى» نى بىلدۈردى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرىكى باياناتلار

پۇتىن سۆھبەتلىشىشتىن ئىلگىرىكى باياناتىدا ۋەزىيەتنى «ئەلۋەتتە مۇرەككەپ» دەپ ئاتىغان بولسا، «قىيىن بىر ۋەزىيەتكە» كىرىپ قالغانلىقىغا قارىماي تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا رەھمەت ئېيتتى.

پۇتىن بىۋاسىتە ئالاقىلەرنى «ھەمىشە پايدىلىق» دەپ ئاتاپ: «بۈگۈن بارلىق تەركىبلىرى ۋە يۆنىلىشلىرى بىلەن مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىمىز. بىزمۇ ئۆز نۆۋىتىمىزدە ۋەزىيەتكە بولغان قاراشلىرىمىزنى سىلەرگە يەتكۈزۈشكە تەييارمىز» دېدى.

دۆلەت رەئىسىنىڭ مەخسۇس ۋەكىلى كىرىل دمىترىيېۋمۇ سۆھبەتلەرگە قاتناشتى.

ۋىتكوف ۋە كۇشنېر رايون خاراكتېرلىك ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئۈچ كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن پۇتىنغا رەھمەت ئېيتتى ۋە 2022-يىلدىن بۇيان قاماقتا ياتقاندىن كېيىن ئۆتكەن ئاي موسكۋا تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلغان سابىق ئامېرىكا دېڭىز پىيادە ئەسكىرى روبېرت گىلماننىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ مىننەتدارلىقىنى يەتكۈزدى.

ئامېرىكالىق ئەلچىلەر شەنبە كۈنى موسكۋانىڭ ۋنۇكوۋو ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارغان بولۇپ، تۇنجى زىيارىتى ئۈچۈن يەكشەنبە كۈنى كىييېۋغا بېرىشى پىلانلانماقتا.

ترامپ جۈمە كۈنى كۇشنېر بىلەن ۋىتكوفنىڭ تۆت يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان كونكرېت بىر تەكلىپ ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئونتارىيو كۆلىنىڭ نامىنى رەسمىي ئۆزگەرتتى
گىرېتسىيەدە غەربىي نىل ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 290 غا يەتتى
ئامېرىكا ئارمىيەسى تىنچ ئوكياندا بىر كېمىنى غەرق قىلدى
ئامېرىكادا ھۆكۈمەت بىلەن سوت قارىمۇ قارشى بولۇپ قالدى
رۇسىيە موسكۋاغا قاراپ ئۇچقان 37 دانە ئۇچقۇنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر يېزىغا ھۇجۇم قىلىپ 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ترامپ ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلاشنى پىلانلىماقتا
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
«تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئىستراتېگىيەسى غەربتىن ۋاز كەچكەنلىك ئەمەس»
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى