ترەنديول 2026-يىللىق ياۋروپا ۋالىبول كونفېدېراتسىيەسى ياۋروپا چېمپىيونلۇقىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئىتالىيەنى 3:2 نەتىجە بىلەن يېڭىپ چېمپىيون بولغان تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى دانىئېلې سانتارېللى بىلەن كاپىتان ئەدا ئەردەم دۈندار بۇ ياز ئۈچۈن بېكىتكەن نىشانلىرىغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دانىئېلې سانتارېللى بىلەن ئەدا ئەردەم دۈندار سىنان ئەردەم تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدىن كېيىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بايانات بەردى.
دەيدىغان نۇرغۇن سۆزلىرى بارلىقىنى ئېيتقان ئىتالىيەلىك باش تىرېنېر مۇنداق دېدى: «بۇ يازنى بىز خالىغاندەك ئاخىرلاشتۇردۇق. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. فېدېراتسىيەمىز بىلەن كوماندىمىز ھەقىقەتەن مۆجىزە خاراكتېرلىك ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى كوماندىلارنىڭ بىرىگە قارشى مەيداندا قالتىس كۈرەش قىلدۇق. ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان بىر نەتىجىنى قولغا كەلتۈردۇق. شۇڭا ئۆزىمىزدىن، كوماندىمىزدىن ۋە قىلغان خىزمىتىمىزدىن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك.»
ئۆز دۆلىتىنىڭ كوماندىسىغا قارشى مۇسابىقىگە چۈشكەنلىكى ھەققىدىمۇ توختالغان سانتارېللى مۇنداق دېدى: «مەن ئىتالىيەلىك. بۇنى ھەممىڭلار بىلىسىلەر، ئەمما مەن تۈركىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن. پۈتۈن كۈچ-قۇۋۋىتىمنى تۈركىيە ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتىمەن. ئىگە بولغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بۇ كوماندىنىڭ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن بېغىشلاۋاتىمەن. مېنىڭ ئىتالىيە پۇقراسى ئىكەنلىكىمنى تىلغا ئېلىشىڭلار، ئەلۋەتتە، ناھايىتى نورمال. ئەمما مەن بۇ دۆلەتنى ۋە بۇ دۆلەتنىڭ خەلقىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن. بۇ دۆلەت بىلەن بىرلىكتە نەتىجە قازىنىشنى ۋە مۇشۇنداق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىمەن.»
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسىنىڭ كاپىتانى ئەدا ئەردەم دۈندار تاماشىبىنلارغا زور ھۇزۇر بېغىشلىغان بىر مەيدان مۇسابىقە ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئەدا ئەردەم دۈندار چېمپىيون بولغانلىقىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بەك خۇشالمىز. كوماندا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، يازنىڭ بېشىدا بېكىتكەن بارلىق نىشانلىرىمىزغا يەتتۇق. بۈگۈن مەيداندا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تاماشىبىنلار بار ئىدى. ناھايىتى گۈزەل كەيپىيات ئىچىدە مۇسابىقىگە چۈشتۇق. تاماشىبىنلارغا زور ھۇزۇر بېغىشلىغان مۇسابىقە بولدى. بەزىدە ئويۇن رىتىمىدىن چۈشۈپ قالغان بولساقمۇ، تاماشىبىنلارنىڭ قوللىشى ۋە بىزگە بولغان ئىشەنچى قايتىدىن ئويۇنغا كىرىشىمىزگە تۈرتكە بولدى. ئىتالىيەگە قارشى 2:1 ئارقىدا قالغان ئەھۋالدىن نەتىجىنى قايتۇرۇپ، مۇسابىقىدە 3:2 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلدۇق. ئىككىنچى قېتىم ياۋروپا چېمپىيونى بولغانلىقىمىزدىن ئىنتايىن خۇشالمىز.»




















