ياۋروپا ھاۋا قاتنىشى خەۋپسىزلىكى تەشكىلاتى (EUROCONTROL) 24-ئاۋغۇستتىن 30-ئاۋغۇستقىچە بولغان مەزگىلگە مۇناسىۋەتلىك «ياۋروپا ئاۋىياتسىيە دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى.
دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى كۈندىلىك ئوتتۇرىچە 1689 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن ياۋروپادىكى ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇملار تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇندىكى ئورنىنى ساقلاپ قالغان. ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدىن قالسلا كۈندىلىك 1437 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن پارىژ چارلېز دېگول ئايرودۇرۇمى، 1419 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن ئامستېردام ئايرودۇرۇمى، 1329 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن لوندون خىتروۋ ئايرودۇرۇمى ۋە 1320 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن فىرانكفورت ئايرودۇرۇملىرى كېيىنكى رەتلەرگە تىزىلغان.
تۈركىيەنىڭ يەنە بىر مۇھىم ساياھەت شەھىرى بولغان ئانتاليا ئايرودۇرۇمىمۇ كۈندىلىك 1032 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن ياۋروپادىكى ئەڭ ئاۋات 9-ئايرودۇرۇم بولۇپ بېكىتىلگەن.
تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ساھەسىنىڭ بۇ نەتىجىلىرى تۈركىيەنىڭ رايوننىڭ ساياھەت ۋە تىرانسپورت مەركىزى بولۇشتەك ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.





















