ئەردوغان: ۋەتەن، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى تىلغا ئېلىنغاندا، بىز ھەرگىز باش ئەگمەيمىز
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: ۋەتەن، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى تىلغا ئېلىنغاندا، بىز ھەرگىز باش ئەگمەيمىزجۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ تىنچلىقنى ئاساس قىلغان سىياسەتلىرى بىلەن رايوننىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەۋاتقانلىقىنى ۋە ھېچقانداق توسالغۇنىڭ بۇ مۇقەددەس يۈرۈشنى توختىتىپ قالالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئەردوغان: ۋەتەن، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى تىلغا ئېلىنغاندا، بىز ھەرگىز باش ئەگمەيمىز

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «رايونىمىزدا تارىخ قايتىدىن يېزىلىۋاتىدۇ. تۈركىيە ئۆزىنىڭ تىنچلىقنى ئاساس قىلغان سىياسەتلىرى بىلەن رايوننىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەۋاتىدۇ» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مالازگىرت مىللىي باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئانادولۇنىڭ پەتھى قىلىنىشى – مالازگىرت غەلىبىسىنىڭ 955-يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى» دا سۆز قىلدى.

ئەردوغان نۇتىقىدا: «زۆرۈر تېپىلغاندا بىز ھەرقانداق نەرسىدىن ۋاز كېچەلەيمىز، ئەمما مەسىلە ۋەتىنىمىز، دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئىستىقبالى بولغاندا، ھېچكىمگە باش ئەگمەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرنى قوللاندى.

ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇ جۇغراپىيەدە بىزنىڭ كۈچلۈك بولۇش، بىر ۋە باراۋەر بولۇشتىن باشقا تاللىشىمىز يوق. بىز مىللەت سۈپىتىدە قاچان بىر يەرگە جەم بولغان بولساق، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بىر گەۋدىلەشكەن بولساق، ھەر دائىم غەلىبىلەرگە ئېرىشتۇق. بۇنىڭدىن 955 يىل ئىلگىرىكى مالازگىرت داستانىنىمۇ ئەنە شۇنداق يازغانلىقىمىزنى ئۇنتۇماڭلار» دېدى.

نۇتىقىدا تېررورىزمدىن خالىي تۈركىيە مۇساپىسى ئۈستىدىمۇ توختالغان ئەردوغان مۇنداق دېدى:

«بىز بۇنى قېرىنداشلىقىمىز ئۈچۈن قىلدۇق. دوست - دۈشمەن ھەممەيلەن شۇنى بىلىشى كېرەككى، رايونىمىزدا تارىخ قايتىدىن يېزىلىۋاتىدۇ. تۈركىيە ئۆزىنىڭ تىنچلىقنى ئاساس قىلغان سىياسەتلىرى بىلەن رايوننىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئەمدى ھېچكىم توسالمايدۇ.»

 جۇمھۇر رەئىس يەنە: «ئىغۋاگەرچىلىك ۋە تۈرلۈك تۇزاقلار بىلەن تۈركىيەنىڭ ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ مۇقەددەس يۈرۈشىنى توختىتىپ قالالايمىز دەپ ئويلىغانلار، چوقۇم ئۈمىدسىزلىككە مەھكۇم بولىدۇ» دېدى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى