AFP مۇخبىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گىرىت ئارىلى ساھىللىرىدا خەلقئارا سۇ تەۋەلىكىدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن توختىتىلغان غەززە ياردەم فىلوتىدىكى ئونلىغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جۈمە كۈنى قۇرۇقلۇققا چىققان.
گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان 175 پائالىيەتچى تۆت ئاپتوبۇس بىلەن بىر يېزىغا ئېلىپ كېتىلگەن.
ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى 20 دىن ئارتۇق پاراخوتتىن تەخمىنەن 175 پائالىيەتچىنىڭ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ئىدى. فىلوت تەشكىللىگۈچىلىرى بولسا بۇ ساننىڭ 211 ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گىدېيون سائار، پەيشەنبە كۈنى كېچىدە ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا، فىلوت پاراخوتلىرىدىن ئىسرائىلىيە پاراخوتىغا يۆتكەلگەن كىشىلەر ئالدىمىزدىكى سائەتلەردە بىر گىرېتسىيە قىرغىقىدا قۇرۇقلۇققا چىقىرىلىدۇ» دېدى ۋە گىرېتسىيەگە «فىلوت ئىشتىراكچىلىرىنى قوبۇل قىلىشقا تەييار بولغانلىقى ئۈچۈن» رەھمەت ئېيتتى.
تۇتقۇن قىلىنغانلار ئارىسىدا ئۆز پۇقرالىرىمۇ بار بولغان نۇرغۇن ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرى، ئىسرائىلىيەنى پائالىيەتچىلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قىلمىشىنى خەلقئارا قانۇننىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىنىشى دەپ سۈپەتلىدى.
لېكىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنى قوللاپ، فىلوتنى بىر «ھەيۋە كۆرسىتىش» دەپ ئاتىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى توممى پىگوت: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ فىلوتقا قاتناشقان پاراخوتلارنىڭ پورتلارغا كىرىشى، توختىشى، ئايرىلىشى ۋە يېقىلغۇ تولۇقلىشىنى رەت قىلىش ئارقىلىق، بۇ ئەھمىيەتسىز سىياسىي پائالىيەتكە قارشى قەدەم تاشلىشىنى كۈتمەكتە» دېدى.
فىلوت پائالىيىتىنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دەسلەپتە 50 تىن ئارتۇق پاراخوتتىن تەشكىل تاپقان فىلوتنىڭ نىشانى غەززە قورشاۋىنى بۇزۇپ تاشلاش ۋە ئۆكتەبىر ئېيىدىن بۇيان يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاساسىي ئاجىز ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، كىرىش-چىقىش ئاساسىي جەھەتتىن چەكلەنگەن پەلەستىن زېمىنلىرىغا ئىنسانىي ياردەم يەتكۈزۈش ئىدى.











